Home خەلقئارا خەۋەرلەرئاسىياخىتاينىڭ پاراخوت ياساش شىركىتى CSSC فرانسىيەدىن 3 مىليارد 200 مىليون دوللارلىق زاكاز تاپشۇرۇۋالىدۇ

خىتاينىڭ پاراخوت ياساش شىركىتى CSSC فرانسىيەدىن 3 مىليارد 200 مىليون دوللارلىق زاكاز تاپشۇرۇۋالىدۇ

by تەكلىماكان

فرانسىيە پرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكروننىڭ خىتاي زىيارىتى جەريانىدا ، ئىككى دۆلەت دېڭىز تىرانسىپورت كەسپىدە رېكورت يارىتىش كېلىشىمى ئىمزالاندى.

خىتاي ئىقتىسادى ۋە پۇل-مۇئامىلە خەۋەرلىرى مۇلازىمىتى Caixin نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، فرانسىيە دېڭىز تىرانسىپورت شىركىتى CMA CGM خىتاي دۆلەت پاراخوت ياساش شىركىتى (CSSC) بىلەن 16 چوڭ كونتېينېر پاراخوتى ياساش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغان.

بۇ سودا ئومۇمىي قىممىتى 3 مىليارد 200 مىليون دوللار بولۇپ ، خىتاي شىركىتى بىر قېتىمدىلا تاپشۇرۇۋالغان ئەڭ چوڭ ھەجىمدىكى پاراخوت زاكاز ھېساپلىنىدۇ.

بۇ پاراخوتلار خىتاينىڭ شاڭخەي ۋە داليەندىكى CSSC پاراخوت زاۋۇتىدا ياسىلىدۇ.

Related Articles

Leave a Comment