ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان دۆلىتىنىڭ ئەزەربەيجاننىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
نىكول پاشىنيان ئىسلاندىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا كېڭىشى يىغىنىدا ئەرمېنىيە – ئەزەربەيجان سۆھبەت مۇساپىسى ئۈستىدە توختىلىپ، ياۋروپا كېڭىشى رەئىسى چارلېز مىشېلنىڭ مۇرەسسە قىلىشى بىلەن ھەپتە ئاخىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتتە ئىلگىرىلەشلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىنى، ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيەنىڭ بىر – بىرىنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئەزەربەيجان ۋە ئەرمېنىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئەتە رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋنىڭ ساھىبخانلىقىدا رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋادا كۆرۈشۈپ، تىنچلىق كېلىشىمى توغرىسىدا سۆھبەتلىشىدۇ.
5 – ئاينىڭ 25 – كۈنى ئەزەربەيجان ۋە ئەرمېنىيە رەھبەرلىرى موسكۋاغا بېرىپ، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ساھىبخانلىقىدا ئۈچ تەرەپ باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ.