![](http://taklimakan.biz/wp-content/uploads/2023/06/631af1f997e32-1024x576.jpg)
<يونخاپ> ئاگېنتلىقىنىڭ كورېيە مەركىزىي ئاخبارات ئاگېنتلىقى (KCNA) نى مەنبە كۆرسەتكەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كىم جوڭئۇن «رۇسىيە بايرىمى» مۇناسىۋىتى بىلەن پىرېزىدېنت ۋلادىمىر پۇتىنغا تەبرىكنامە يوللىغان.
كىم جوڭئۇن شىمالىي كورېيە-رۇسىيە مۇناسىۋەتلەرىگە «قىممەتلىك ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋەت» دەپ باھا بېرىپ، دۆلىتىنىڭ بۇ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
كىم جوڭئۇن دۆلىتىنىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا رۇسىيە بىلەن بىر سەپتە تۇرىدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلەپ، موسكۋاغا «تولۇق ياردەم» بېرىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.