تاجاۋۇزچى ئىسرائىلىيە ھەربىي ئەمەلدارلىرى غەززە رايونىغا قارشى قۇرۇقلۇق ھەرىكىتىنىڭ پات يېقىندا باشلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
10-ئاينىڭ 7-كۈنى غەززەگە ھۇجۇم قىلىشنى باشلىغان تاجاۋۇزچى ئىسرائىلىيە بۇ رايوندا قۇرۇقلۇق ھەرىكىتىگە تەييارلىق قىلماقتا.
ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ھەرىكەتنىڭ باشلىنىش ئالدىدا تۇرغانلىقىنى بايان قىلدى.
بۇ باياناتنى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يوۋ گالانت ۋە جەنۇب قوماندانلىق شتابى قوماندانى مايور گېنېرال يارون فىنكېلمان ئوتتۇرىغا قويدى.
غەززە رايونى چېگراسىدىكى ھەربىي قىسىملارنى تەكشۈرگەن بۇ ئىككەيلەن ھەرىكەتنىڭ پات يېقىندا باشلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
گالانت ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىگە خىتاب قىلىپ مۇنداق دېدى: «سىز غەززەنى يىراقتىن كۆرىسىز ، ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنى ئىچىدىن كۆرىسىز ، بۇيرۇق كېلىدۇ». دېدى.
مۆلچەرلىنىشىچە ، ھەربىي ھەرىكەت پات يېقىندا باشلىنىدىكەن.