ئاۋىستىرالىيەنى ئاساس قىلغان ئىستراتېگىيىلىك سىياسەت تەتقىقات ئورنى (ASPI) خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مىڭلىغان مەسچىتنى ۋەيران قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
ئىستراتېگىيىلىك سىياسەت تەتقىقات ئورنىنىڭ نەچچە يۈز سۈنئىي ھەمراھ رەسىمى ۋە ستاتىستىكىلىق مودېلنى ئاساس قىلغان دوكلاتقا قارىغاندا ، خىتاي ھۆكۈمىتى 8500 مەسچىتنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى يېقىنقى 3 يىلدا يۈز بەرگەن ئىكەن.
بۇ مەركەز يەنە بۇ رايوندىكى ئىبادەتخانىلار ، قەبرىستانلىقلار ۋە ھەج قىلىش يوللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىسلام دىنىنىڭ مۇھىم ئورۇنلىرىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۆتكەن يىلى AFP دا ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا رايوندا ئون نەچچە قەبرىستانلىقنىڭ ۋەيران بولغانلىقى ۋە ئىنسانلارنىڭ جەسىتى ۋە قەبرە تېشىنىڭ ئەتراپقا تارقىتىلغانلىقى خەۋەر قىلىنغان.
يەنە بىر تەرەپتىن ، تاجاۋۇزچى خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا جەمىيەت ئالدىدا تۈركىستان خەلقىنىڭ تولۇق دىنىي ئەركىنلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە.
خىتاي دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن بۇ رايوندا 24 مىڭ مەسچىت بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە مۇنداق دېدى: «شىنجاڭدىكى مەسچىتلەرنىڭ ئومۇمىي سانى بەزى مۇسۇلمان دۆلەتلىرىگە قارىغاندا ئوتتۇرىچە مەسچىت سانىدىن كۆپ».
كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئېيتىشىچە ، بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلار بولۇپمۇكۆپىنچىسى تۈركچە سۆزلىشىدىغانلار مىللەتلەر دۆلەتنىڭ غەربىي شىمالىدىكى لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇلۇپ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقادىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىنىۋاتىدۇ.
خىتاي بۇ لاگېرلارنى «كەسپىي تەربىيىلەش مەركىزى» دەپ ئېنىقلىما بېرىپ ، ئۇلارنىڭ نامراتلىق ۋە ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
باياناتچى ۋاڭ ۋېنبىن ئىستراتېگىيىلىك سىياسەت تەتقىقات ئورنىنىڭ دوكلاتىنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى، جازا لاگېرلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى قەتئىي رەت قىلدى.
مەنبە: Mepa News