رادارچى قىسىمنىڭ كۆزدە تۇتىدىغىنى رادار سېستىمىسىنى ئۆزىگە ئاساسلىق ئەسلىھە قىلغان، ھاۋادىكى، دېڭىز يۈزىدىكى ۋە يەر يۈزىدىكى نىشانلارنىڭ مەلۇماتىنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئاساسلىق ۋەزىپىسى قىلغان ئەسكەرلىك تۈرىنى كۆرسىتىدۇ. نورمالدا ئارمىيە تەشكىلى قۇرۇلمىسى پولك، گازارما، روتا ھالىتىدە بولىدۇ. رادارچى قىسىم بولسا دۆلەتنىڭ ھاۋا مۇداپىيە كۈچى ۋە ھاۋا ئارمىيەسى قوماندانلىق سېستىمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسىمى ھېسابلىنىدۇ. ئاساسلىق ۋەزىپىلىرىدىن ھاۋادىكى، سۇ ئۈستىدىكى ۋە يەر يۈزىدىكى نىشانلارنى بايقاش، رازۋېدكا قىلىش ۋە ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش، نىشانلارغا يول باشلاش، قوراللارنى كونتىرول قىلىش قاتارلىقلار. 1935-يىلى ئەنگىلىيە تۇنجى بولۇپ رادارنى ياساپ چىقتى ھەمدە بىر يىلدىن كېيىن ئۇنى ئارمىيەگە سەپلەشكە باشلىدى، شۇنىڭدىن كېيىن باشقا دۆلەتلەرمۇ ئارقا ئارقىدىن رادارلارنى تەتقىق قىلىپ ياساشقا باشلىدى، بۇنىڭغا ئەگىشىپ رادارچى قىسىم ھەم بارلىققا كەلدى.
2020-10-25
مەنبە: يۇرتۇغ ئەسكىرى بىلىملىرى