ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمىنىيە ئوتتۇرىسىدا قاراباغ ئالدىنقى سېپىدە توقۇنۇش داۋاملاشماقتا.
9-ئاينىڭ 27-كۈنى يۈز بەرگەن ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش ئۇلارنىڭ بارلىق كۈچلەرنى قوللىنىشى بىلەن داۋاملاشماقتا.
ناگورنو-قاراباغ مەسىلىسىدىكى توقۇنۇشتا، ئەزەربەيجان تۈركىيەدە ئىشلەنگەن ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى ئىشلىتىش ئارقىلىق بۇ ساھەدە زور ئەۋزەللىككە ئېرىشتى.
بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە، ئەزەربەيجان ئارمىيىسى جابرايىل، فۇزۇلى ۋە زاڭگىلان رايونلىرىدا ھازىرغىچە كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى.
ئەزەربەيجان ئارمىيىسى قىسىملىرى زاڭگىلان، فۇزۇلى ۋە جابرايىل ئوقىدا ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇردى. بۇ رايۇنلاردىن باشقا خوكاۋېند، خوجالى ۋە كۇبادلى رايونلىرىدا ئىلگىرىلەشلەر داۋاملاشماقتا.
ئىگىلىنىشچە، ئەزەربەيجان رايوندىكى ناگورنو-قاراباغنىڭ پايتەختى دەپ قوبۇل قىلىنغان تارىخى شەھەر شۇشا ۋە خانكېندىغا قاراپ ئىلگىرىلەشنى داۋاملاشتۇرىدىكەن.
2020-11-08
مەنبە: Mepa News / Çatışma Bülteni