898
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ھەپتىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، كۈن تەرتىپىنى ئېلان قىلدى.
پومپېيو ، چەتئەلگە كەڭ كۆلەمدە ساياھەت قىلدىغان بولۇپ «جۈمە كۈنىدىن باشلاپ فرانسىيە، تۈركىيە، گرۇزىيە، ئىسرائىلىيە، قاتار، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانغا بارىدۇ. بۇ زىيارەتتە دۆلەتلەر بىلەن نۇرغۇن مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىمىز» دېگەن ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى قوللاندى.
دونالد ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتتۇرا شەرق تىنچلىقى ۋە «ئىسرائىلىيە بىلەن نورماللىشىش» مۇساپىسىدە مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويغان مايك پومپېيو ئۆزلىرىنىڭ بۇ جەرياننى بولۇپمۇ رايوندىكى دۆلەتلەر بىلەن مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
2020-11-11
مەنبە: YENIŞAFAK / AA