ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە ئۇرۇش ئايروپىلانى ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان سېتىشنى تەستىقلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
پومپېيو تۈنۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدىن ئىلگىرى يازغان يازما باياناتىدا، ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ پارلامېنتقا ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە 23 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى ئىلغار قورال سىستېمىسىنىڭ سېتىلىشىنى تەستىقلىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانلىقىنى بايان قىلدى.
باياناتتا ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ 10 مىليارد 400 مىليون دوللار قىممىتىدىكى 50 دانە F-35A چاقماق II ، 2 مىليارد 970 مىليون دوللار قىممىتىدىكى 18دانە MQ-9B تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان، ھاۋادىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېتىشنى تەستىقلىغانلىقى خەۋەر قىلىندى.
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى 9-ئايدا ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى نورماللاشتۇرۇش توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىدى.
ئىسرائىلىيە دەسلەپتە F-35 نىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە سېتىلىشىغا قارشى تۇرغان ، ئەمما كېيىن بۇ پىكىردىن ۋاز كەچكەن.
2020-11-11
مەنبە: Mepa News