سەئۇدى ئەرەبىستان ، تۈركىيەدىن سۇ ۋە ھايۋانات مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى ۋاقتىنچە توختىتىشنى قارار قىلدى.
سەئۇدى ئەرەبىستان 2020 -يىلى 11- ئاينىڭ 15- كۈنىدىن باشلاپ تۈركىيەدىن گۆش ، سۈت ، تۇخۇم ، ھەسەل ۋە بېلىق قاتارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ئىمپورت قىلىنىشىنى چەكلەشنى قارار قىلدى.
بۇ قارار سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىدا رىياد سودا مەسلىھەتچىلىك ئورگىنىنىڭ تاپشۇرۇۋالغان ئىزاھاتىغا ئاساسەن ، سودا مىنىستىرلىكى ، ئېكسپورت باش ئىدارىسى ئالاقىدار ئېكسپورتچىلار جەمئىيىتىگە يازما ئۇقتۇرۇش قىلىنغان.
بىلۇمبېرگ HT يېزا ئىگىلىك تەھرىرى فرفان دوناتنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، ئىستانبۇل بېلىقچىلىق ۋە ھايۋانات مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرىيەت رەئىسى مۇجدات سېزېر بۇ تېمىغا بەرگەن باھاسىدا مۇنداق دېدى: «سەئۇدى ئەرەبىستان سىياسىي مەقسەت بىلەن سۇ ۋە ھايۋانات مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا ئېمبارگونى 11- ئاينىڭ 15- كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قۇيۇشقا باشلىدى. ئۆتكەن يىلى 92 مىليون دوللارلىق مەھسۇلات ئېكىسپورتىمىز بىلەن 6- ئورۇندا تۇرىدىغان سەئۇدىي ئەرەبىستان، ئاخىرقى 12-ئايدا ئېكىسپورتىمىز 79 مىليون دوللارغا چۈشۈپ 9- ئورۇندا تۇرماقتا. بۇ قارارنىڭ نەتىجىسىدە، سەئۇدى ئەرەبىستانغا قىلغان ئېكسپورتىمىز نۆل بولىدۇ ، ئەمما يىللىق ئېكسپورتىمىز 2 مىليارد 500 مىليون دوللار ئانچە چوڭ تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ» دېگەن ئىپادىنى قوللاندى.
2020-11-15
مەنبە: Mepa News