يېڭى دېھلى/ Prakriti Gupta
2022-يىل 22-يانۋار
تەرجىمە قىلغۇچى: ئەركىن
ھىندىستان ئۇزۇن يىللىق سەل قاراش ۋە پەرۋاسىزلىقتىن كېيىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن قويۇق مۇناسىۋەتتە بولدى. يېڭى دېھلى تالىبانلار ئافغانىستاننى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن بۇيانقى بىر قاتار يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر سۆھبىتىدىن كېيىن تۇنجى قىتىم ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنىڭ (تاجىكىستان، ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان، قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان) رەھبەرلىرىنى ھىندىستاننىڭ دىپلوماتىك ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە كۈتۈۋالىدى.
بۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بارلىق دۆلەت ۋەكىللىرىنىڭ قاتنىشىدىغان تۇنجى قىتىملىق كوللىكتىپ ئۇچرىشىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، بۇ قىتمقى ئۇچىرشىش 2018-يىلدىن كېيىن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى تەكلىپ قىلىنغاندىن كېيىن نۇرغۇن دۆلەتلەرنى بىر يەرگە جەم قىلىدىغان سەھنە سۈپىتىدە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.
ئەگەر خىتاي ۋىروسى يۇقۇم مەزگىلىدە شارائىت يار بەرسە، قازاقىستان پرېزىدېنتى قاسىم جومەرت توكايېف، ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى شېۋكەت مىرزىيويېف ، تاجىكىستان پرېزىدېنتى مامالى راخمان، تۈركمەنىستان پرېزىدېنتى قۇربانكۇلۇ بەردىممۇھەممەدوف ۋە قىرغىزىستان پرېزىدېنتى سادىر جاپاروفلارنىڭ جۇمھۇرىيەت كۈنىگە تەكلىپ قىلىنغان ئەزىز مېھمانلار سۈپىتىدە تەبرىكلەش مۇراسىملىرىغا قاتنىشىشى مۆلچەرلەنمەكتە. ھىندىستان بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى تۇنجى ئۇچرىشىش، ئىككى تەرەپ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت باشلانغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىغا توغرا كەلگەن بولغاچقا بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تەبرىكلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈشى مۆلچەرلەنمەكتە.
كۆپىنچە مۇتەخەسسىسلەر بۇ قەدەمنى « مۇۋاپىق پەيتتە ئىلىنغان» دەپ قارايدۇ. ھىندىستان بۇ خىل ئۇسۇل بىلەن بىلەن ئۇزۇن يىللىق سەل قاراش ۋە پەرۋاسىزلىقتىنى چۆرۈپ تاشلاپ ئوتتۇرا ئاسىيا غوجىللىرىنىڭ ئالدىنقى ئورنىغا ئۆتۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ھىندىستان يېقىنقى بىر نەچچە ئاي ئىچىدە بولۇپمۇ تالىبانلار ئافغانىستاندا ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغاندىن بۇيان ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىق ۋە ئالاقىنى كۈچەيتتى،. بۇ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنى، تەسىر كۈچى زور رىقابەتكە تولغان جۇغراپىيىلىك سىياسىي سەھنىگە ئايلاندۇردى. بۇنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىدە، ئاتالمىش «بىر بەلۋاغ بىر يول» تەشەببۇسچىسى بولغان خىتاينىڭ تەسىرى مۇستەھكەملىنىش بىلەن بىرگە روسىيە بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۆزنى موھىم قىلىپ كۆرسىتشكە ئۇرنىۋاتىدۇ. ئافغانىستاندىن چېكىنىپ چىققان ئامېرىكا بولسا، بۇ رايوندا ئۆ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاشقا ئورۇن تېپىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ.
يەنە بىر تەرەپتىن، ھىندىستان كابۇلدىكى تەسىرنى جارى قىلدۇرۇش ۋە ئۇنى ماددىي مەنپەئەت شەكلىدە قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا مۇقىم ئاساسى بولۇشى كېرەكلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ. يازغۇچى سىما گۇخانىڭ سۆزىگە قارىغاندا، بۇ ئالدىنقى شەرت ئىكەن.
بۇ نۇقتىدا دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى گەرچە ھىندىستان ئىلگىرى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە ھىندىستاندىكى ئۆز-ئارا ئىشىنىش ۋە ئىشەنچنى ئاشۇرۇش تەدبىرلىرى يىغىنى (CICA) قاتارلىق مۇنبەرلەر ئارقىلىق ئىككى قېتىم دىئالوگ ئېلىپ بىرىپ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن دائىملىق ئالاقە يوللىرىنى ساقلاپ كەلگەن بولسىمۇ ئەمما روسىيە، خىتاي، تۈركىيە، ئىران ۋە باشقا دۆلەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا، ھىندىستاننىڭ رولى بۇ رايۇنلاردا ئاجىز .
ھىندىستان بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى دىئالوگ
«ھىندىستان-ئوتتۇرا ئاسىيا دىئالوگ»نىڭ ئۈچىنچىسى 2021-يىلى 12-ئايدا يېڭى دېھلىدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىن جەريانىدا، ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سۇبراخمانيام جايشانكار ئوتتۇرا ئاسىيادىكى كەسىپداشلىرى بىلەن كۆرۈشتى. سۆھبەت جەريانىدا، ئافغانىستاننىڭ شارائىتى، خىتاي ۋىرۇسى كرىزىسى ۋە قاتناشقان دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلەندى. ئۇندىن باشقا ، بەش تاشقى ئىشلار مىنىستىرى 2015-يىلدىن بۇرۇن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بارلىق دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلغان ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودى بىلەن كۆرۈشتى. مودى ئۇلار بىلەن دۆلىتى ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكلىدى. جايشانكارغا كەلسەك ئۇ ئافغانىستاندىكى ئەڭ ئاخىرقى كرىزىس يۈز بەرگەندىن بۇيان ئۇدا ئۈچ قېتىم ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى زىيارەت قىلغان.
ھىندىستان بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى تۇنجى سۆھبەت 2019-يىلى 1-ئايدا ئۆزبېكىستاننىڭ تارىخى شەھىرى سەمەرقەنتتە ئېلىپ بېرىلدى. بۇ ئالاقە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھىندىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش ئارزۇسىنى ئەكىس ئەتتۈردى. دەرۋەقە، سەمەرقەنت ساھىبخانلىق قىلغان تۇنجى باشلىقلار يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەشەببۇسلار ھىندىستان-ئوتتۇرا ئاسىيا سودا كېڭىشى قۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بۇ پىكىر مېۋە بېرىشكە باشلىدى.
ھىندىستان يەنە رايۇندىكى دۆلەتلەرنى ئېنېرگىيە، ساغلاملىق، خەۋەرلىشىش، ئۇچۇر تېخنىكىسى، دېھقانچىلىق، مائارىپ ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ساھەلەردىكى مۇھىم تەرەققىيات تۈرلىرىگە 1 مىليارد دوللارلىق ئىناۋەتلىك قەرز بىلەن تەمىنلىدى. ئۈچىنچى دىئالوگ بىر تەرەپتىن ھىندىستان بىلەن يەنە بىر تەرەپتىن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ قويۇقلىشىشىغا يول ئاچتى.
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، «ئافغانىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە ئۇنىڭ رايونغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى» نى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. باياناتتا، ئافغانىستانغا تىنچلىق، بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىق جەھەتتە كۈچلۈك مەدەت بېرىلىدىغانلىقى، ئۇنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، ئىتتىپاقلىقى، زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىققا ئەھمىيەت بېرىلگەنلىكى تەكىتلەندى. مىللەتلەر بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ 2021-يىلدىكى (2593-نومۇرلۇق) قارارى قايتا تەكىتلەندى. 2593-نومۇرلۇق قاراردا ئافغانىستان زېمىنىنى تېررورلۇق گۇرۇپپىلىرى ئۈچۈن ماكان بېرىش، تەربىيىلەش، پىلانلاش ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشكە ئىشلەتمەسلىك تەلەپ قىلىنغان.
نويابىردا قازاقىستان، تاجىكىستان، قىرغىزىستان ۋە تۈركمەنىستاننىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىلىرى ھىندىستان ساھىبخانلىق قىلغان ئافغانىستان ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى رايونلۇق يىغىنغا قاتناشتى. يىغىنغا روسىيە ۋە ئىراندىكى دۆلەت بىخەتەرلىك تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ قاتناشتى. شۇ كۈنى، ئىسلامئاباد ئامېرىكا، خىتاي ۋە روسىيە ۋەكىللىرىنى كۈتۈۋېلىپ، ئافغانىستان ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلدى.
ئاپتور سارانش مىشرا ۋەزىيەتكە تۆۋەندىكىدەك باھا بەردى: « ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئورنى، جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلكى ۋە تارىخى ئارقا كۆرنۈشلىرى بۇ رايوننى ھىندىستاننىڭ ئىستراتېگىيىلىك مەنپەئەتى بىلەن زىچ باغلايدۇ. ھەمىمىزگە مەلۇمكى ، ھىندىستاننىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتى كۆپىنچە روسىيە، ئامېرىكا قاتارلىق چوڭ دۆلەتلەرنى چۆرىدەپ شەكىللەنگەن بولۇپ، خىتاي بىلەن پاكىستاندىن كېلىپ چىققان مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ كىلۋاتىدۇ. دەرۋەقە، ھىندىستان بۈگۈن توغرا يولدا مېڭىۋاتىدۇ، بۇنداق دىپلوماتىك ئالاقىنى ماھىرلىك بىلەن قوللىنىپ ھىندىستان-ئوتتۇرا ئاسىيا مۇناسىۋىتى تارىخىدا يېڭى سەھىپە ئاچالايدۇ».
ھىندىستان ۋە روسىيە
يېڭى دېھلىدىكى ئەمەلدارلار ھىندىستاننىڭ نۆۋەتتىكى زور تىرىشچانلىقلىرىنىڭ رۇسىيە تەرىپىدىن ئىتراپ قىلىنمغانلىقنى ئېيتتى. خىتاي نەزىرىنى ئافغانىستان بىلەن چېگىرالىنىدىغان مول ئېنېرگىيە رايونغا قاراتقاندىن كېيىن، روسىيە بېيجىڭنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا زۆرۈر بولمىغان مەۋجۇتلۇقىنى تىزگىنلەش ئۈچۈن، ھىندىستاننى ئۆزى بىلەن ھەمكارلىشىشىنى ئۈمۈد قىلىدۇ.
يېڭى دېھلىدىكى مەنبەلەرگە قارىغاندا، روسىيە ئېنېرگىيەگە باي ۋە ئىستراتېگىيىلىك مۇھىم ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا ھىندىستان بىلەن ھەمكارلىشىشنى «بەك خالايدىغان »دەك قىلىدۇ.
كونا مەنبەلەرنىڭ ئېيتىشىچە، روسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن يېقىندا دېھلىغا قىلغان زىيارىتى جەريانىدا ھىندىستان ھۆكۈمىتىدىن «خىتاينىڭ تەسىرىنىڭ كۈچىيىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى» نى ئاڭلىغان. ھىندىستان تەرەپ روسىيەلىكلەرنى بېيجىڭ يولغا قويغان «تاجاۋۇزچىلىق سىياسىتىگە بولغان كۆز قارىشىنى قايىل قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ» دەپ قارالماقتا.
تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى، ھىندىستان بىلەن روسىيە ئىككى تەرەپلىك ئالاقىنى كۈچەيتىش ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا بىرلەشمە تۈر قۇرۇش توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى. «ئوتتۇرا شەرىق گېزىتى» ئېرىشكەن ئۇچۇرغا قارىغاندا، باش مىنىستىرى نارېندرا مودى تەرىپىدىن ئوتتۇرا ئاسىيانى ھىندىستاننىڭ «كېڭەيتىلگەن قوشنىسى» نىڭ بىر قىسمى دەپ بېكىتىلگەن.
بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە، شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، يۇقىردا تىلغا ئىلنغان بۇ بەش دۆلەت ئىلگىرى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىر قىسمى ئىدى، نۆۋەتتە روسىيەنىڭ بۇ رايۇنلاردىكى ھۆكۈمەتلىردە يەنىلا تەسىرى چوڭ بولماقتا .
مەنبەلەردە مۇنداق دېيىلدى: ھىندىستان بىلەن روسىيە ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان ئاق تاشلىق كىتابتا «ئوتتۇرا ئاسىيادىكى (قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، تۈركمەنىستان ۋە ئۆزبېكىستان) رايوندىكى بىر قىسىم جۇمھۇرىيەتلەردە سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىكى بىرلەشمە مۇداپىئە تۈرلىرى ھازىرمۇ مەۋجۇت » دەپ يېزىلغان. گەرچە ھىندىستان مۇداپىئە سانائىتى ساھەسىدە ئېكسپورت قىلغۇچى بولۇشنى نىشان قىلىۋاتقان بولىسمۇ ئەمما ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى يەنىلا روسىيەدە ياسالغان مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىگە تايىنىدۇ.
رەسمىي بولمىغان ئاق تاشلىق كىتابتا ھىندىستاننىڭ تەلىپىدىن باشقا، ھىندىستان-روسىيەنىڭ بىرلەشمە مۇداپىئە ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىر قىسىم جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ھەققىدىكى تەكلىپلىرىمۇ بار.
ئوتتۇرا ئاسىيا مۇتەخەسسىسى ۋە ھىندىستاننىڭ قىرغىزىستاندىكى سابىق باش ئەلچىسى فۇنچوك ستوبدان تۆۋەندىكىدەك باھا بەردى: «ھازىر بېيجىڭ بىلەن قويۇق مۇناسىۋىتى بار موسكۋانىڭ، «ھىندىستان بىلەن خىتايغا قارشى ئىشلەش» تەييارلىقى يېڭى دېھلى ئۈچۈن بىر دىپلوماتىك مۇۋەپپەقىيەت. روسىيە بىلەن ھىندىستان، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى مۇداپىئە ۋە باشقا ئىجابىي پائالىيەتلەرگە تېخىمۇ ئاكتىپ قاتنىشىشقا باشلىغاندا،خىتايغا نىسبەتەن بۇ رايوندىكى مەۋجۇتلۇقىنى كۈچەيتىشتىكى ئۇلۇغ ئارزۇسىغا ئېغىر ئوڭۇشسىزلىق ئېلىپ كېلىدۇ. يىراق شەرقتىكى تەرەققىيات تۈرلىرىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا ئەگىشىپ، روسىيەنىڭ بۇ تىرىشچانلىقىدىكى ئورتاق قوشنىسى خىتاي بولماستىن، بەلكى ھىندىستان ئىدى.
دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، دېھلىنىڭ ئاسىيا رەھبەرلىرىنى تەكلىپ قىلىش قارارىنى ھەرگىزمۇ يالغۇز پائالىيەت دەپ قاراشقا بولمايدۇ. پرېزىدېنت ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ يېقىندا دېھلىغا قىلغان زىيارىتى جەريانىدا يېڭى تەپەككۇر ئۇسۇلىنىڭ كىچىك ئالامەتلىرى بار. ئوچۇقىنى ئېيتقاندا، پۇتىننىڭ مودى بىلەن بىرمۇ-بىر ئۇچرىشىشى ھىندىستاننىڭ رايون بىخەتەرلىكى ھەققىدە ئويلىنىشقا يېڭى سەھىپە ئىچىپ بەردى. ئۇندىن باشقا، پۇتىن بولسا سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن بۇيان خىتايلارنىڭ بۇ رايوننى كونترول قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلىدۇ. كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، ئۇ ھىندىستانغا ئوخشاش تەسىر كۈچىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقان ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە تاقابىل تۇرۇشتا قىلچە ئىككىلەنمەيۋاتقانلىقىدۇر. خىتاينىڭ رايوندىكى كۈچىنى ئازايتىش پۇتىننىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن بولۇشى مۇمكىن».
ھىندىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا: مۇناسىۋەت ۋە خىرىس
ھىندىستان بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا، 2500 يىللىق ئۇزۇن بىر تارىخىقا ئىگە. سىياسىي جەھەتتە، بۇ تارىخ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ھازىرقى ھىندىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۇشان ئىمپېرىيىسىنى ۋە 16-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا موڭغۇللارنىڭ ھىندىستاننى بويسۇندۇرۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئىقتىسادىي جەھەتتىن قارىغاندا، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى فەرغانە، سەمەرقەنت ۋە بۇخارا قاتارلىق ئاساسلىق شەھەرلەر ھىندىستاننى خىتاي بىلەن ياۋروپاغا تۇتاشتۇرىدىغان يىپەك يولىدا مۇھىم رول ئوينىغان، شۇنداقلا ھىندىستانلىق سودىگەرلەر ئۈچۈن بۇ رايون مۇھىم تىجارەت رايۇنى بولغان. ئىقتىسادىي گەۋدىلەر كۈچلۈك ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتتىن باشقا، ئىككى رايوننىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىدىمۇ تەرەققىي قىلدى.
يىپەك يولىنىڭ زاۋاللىققا يۈزلىنىشى، ياۋروپانىڭ «جۇغراپىيىلىك ئىزدىنىش دەۋرى» نىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى روسىيە ۋە خىتاي ئىمپېرىيىسىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، بۇ رايون ھىندىستاننىڭ ئىستراتېگىيىلىك تەسەۋۋۇرىدىن سۇسلاشتى. ھىندىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، ھىندىستان-سوۋېت ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتى كۈچەيدى.
سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادا مۇستەقىل جۇمھۇرىيەتلەر قۇرۇلغاندىن كېيىن، ھىندىستان سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن ئالاقە قىلىش ئۈچۈن زور بولغان تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ لىكىن ئىككى تەرەپنىڭ ئالاقە مەسىلىسى بىر چوڭ مەسىلە ئىدى ۋە ھازىرمۇ شۇنداق بولماقتا . ئافغانىستان ئىچكى ئۇرۇشقا پېتىپ قالغان بىر پەيتتە، پاكىستان ھىندىستاننىڭ «زېمىنىنى ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن سودا قىلىش» ئۈچۈن ئېچىشىنى قوللىدى. خىتاي بۇ ئەھۋالدىن پايدىلىنىپ، «بىر بەلۋاغ بىر يول» تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. بۈگۈنكى كۈندە، ھىندىستان ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى ئىراننىڭ چاباخار پورتىدىن پايدىلىنىشقا قىستىماقتا.
داڭلىق ئانالىزچى ۋىۋىك كاتجۇنىڭ يۇقارقى ئەھۋالغا بەرگەن باھاسى تۆۋەندىكىچە:
«ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ دۇنيانىڭ باشقا جايلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشقا تىرىششى، بۇ ھۆكۈمەتلەرنى بولۇپمۇ بەش دۆلەتنىڭ ھەممىسى قۇرۇقلۇقتا بولغاچقا جۇغراپىيىلىك ئورۇنغا قويۇلغان چەكلىمىلەرنى بۇزۇشقا ھېرىسمەندەك قىلپ كۆسىتىدۇ . شۇڭلاشقا، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سودا يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق ھېس قىلالمايدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئۆزلىرىنىڭ مۇھىم رولچى دەپ قارايدىغان ھىندىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى دۇنياغا ئېچىۋېتىش تىرىشچانلىقىنىڭ بىر قىسمى دەپ قارايدۇ. بۇ دۆلەتلەر يېڭى دېھلىنى «ئاشخابات كېلىشىمى» دە قوبۇل قىلدى. كېلىشىمدە يەنە ئالاقە تورىنى شەكىللەندۈرۈپ ، ھىندىستاننىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋرو-ئاسىيا بىلەن بولغان سودا ئالاقىسى ۋە رايوننىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىغا ئېرىشىشىگە قۇلايلىق يارىتىلدى. گەرچە خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى رايون كۆلىمى چوڭ بولسىمۇ، ئەمما بۇ سەۋىيىدە يېقىن كەلگۈسىدە ھىندىستانغا يەتكىلى بولمايدىغانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنى كۆپ خىللاشتۇرۇشقا قىزىقىدۇ، شۇڭا ھېچقانداق بىر دۆلەت بۇ رايونغا ھۆكۈمرانلىق قىلمايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، رايوندىكى خىتايغا قارشى كەيپىيات ۋە تالىبانلارنىڭ بىخەتەرلىك تەھدىتى يېڭى دېھلى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ھەمكارلىق سەۋىيىسىنى قايتىدىن ئويلىشىشىغا تۈرۈتكە بولدى.
ھىندىستان يەنە رايوندىكى تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولغان روسىيە بىلەن دوستلۇقىنى شەكىللەندۈرۈپ، بۇ جەھەتتە ئالغا ئىلگىرىلىيەلىشى مۇمكىن. ھىندىستان رايونلۇق پائالىيەتلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ۋاقىتنى ئىسراپ قىلماسلىقى كېرەك»
ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنى گەۋدىلەندۈرۈش
سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بولغان دوستلۇق مىراسلىرىنى كۆزدە تۇتقاندا، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئۇزۇندىن بۇيان ھىندىستاننى بۇ رايوندىكى قانۇنلۇق مەنپەئەتدار دەپ قارايدۇ. مۇشۇنداق بولۇشىغا قارىماي ، ھىندىستان رايوندىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە ھېچقانداق سودا خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلالمىدى.
دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ھىندىستان بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا ئوتتۇرىسىدىكى سودا مىقدارى، خىتاينىڭ رايوندىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان 100 مىليارد دوللارلىق سودىغا سېلىشتۇرغاندا ھېچ نەرسە ئەمەس. ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە نېفىت، تەبىئىي گاز، ئۇران ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش تەبىئىي بايلىقلار مول. گەرچە ھىندىستاننىڭ ئېنېرگىيە ئىمپورتىغا تايىنىشچانلىقى يۇقىرى بولسىمۇ، لىكىن سودا مىقدارى يەنىلا قانائەتلىنەرلىك ئەمەس.
ھىندىستان ئۆزىدە بار بولغان ئىمكانسىزلىقلارغا قارشى، ئېنېرگىيە مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈشتە ئازراق ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى. قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستان ھىندىستاننى يادرو ئېلېكتر ئىستانسىلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئۇران بىلەن تەمىنلىشى مۇمكىن. بۇ مەسىلە توغرىسىدىكى رەسمىي قارارنى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرىمۇ قوبۇل قىلىدۇ.
ھىندىستانغا ئۇران بىلەن تەمىنلەشنى ئاشۇرۇش قارارىنى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش جۇمھۇرىيەتنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ ھىندىستاننى زىيارەت قىلىپ، جۇمھۇرىيەت كۈنىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشقانلىقىدىنمۇ چۈشىنىشكە بولىدۇ. بۇ مەسىلە ئوتتۇرا ئاسىيا دىئالوگى مەزگىلىدە ئوتتۇرىغا قويۇلدى. تاجىكىستان ۋە ئۆزبېكىستاننىڭ ئۇران زاپىسى كۆپ بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئۇران ئىشلەپچىقارغۇچى بولغان ھىندىستانمۇ بۇ ماددىلارنى بۇ دۆلەتلەردىن ئىمپورت قىلىدۇ. ئەمما ھىندىستاندىكى زاۋۇتلاردا يەنىلا ئۇران كەمچىل بولماقتا.
يەنە بىر تەرەپتىن، ئاتوم ئېنېرگىيە مىنىستىرلىكى ۋە ئالەم قاتنىشى مىنىستىرلىكىنىڭ مىنستىرى دوكتۇر . جدىندىرسىنگى پارلامېنتقا بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە دۆلەت ئىچىدە ئۇران ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى بارلىق ئۇران يېقىلغۇ قىلىنىدىغان يادرو ئېلېكتر ئىستانسىلىرىنىڭ يىللىق يېقىلغۇ ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدۇ، شۇڭا دۆلىتىمىز كانادا، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان ۋە روسىيە قاتارلىق ئوخشىمىغان دۆلەتلەردىن ئۇران ئىمپورت قىلىشى كىرەك».
يېڭى دېھلى ھۆكۈمىتى ھىندىستان بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا ئوتتۇرىسىدىكى تاۋارلارنىڭ ئىران ئارقىلىق ئۆتۈشىگە قۇلايلىق يارىتىش ئۈچۈن ، 2017-يىلى خەلقئارا تاۋارلارنى توشۇش تاموژنا كېلىشىمى ۋە 2018-يىلى ئىران، ئومان، تۈركمەنىستان ۋە ئۆزبېكىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاشقابات كېلىشىمىگە ئىمزا قۇيدى. ھىندىستاننىڭ غايەت زور بازارلىرىغا كىرىش نىسبىتىنى ئاشۇرۇش ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ توختىماي كۈرەش قىلىۋاتقان ئىقتىسادىنى جانلاندۇرماقچى بولغان دۆلەتلەرگە زور پايدىسى بولىدۇ.
تەھلىلچىلەرنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، بۇ خىل باسقۇچلار ھىندىستاننىڭ ياۋروئاسىيا قۇرۇقلۇقىغا بولغان تەسەۋۋۇرىغا يېڭى ھايات ئاتا قىلغان بولسا، يېڭى دېھلى دىپلوماتىيىنى ھەرىكەت بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، رايوندىكى بۇ تۈرلەرنىڭ ئىزچىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئۇنىڭ تەسىر ۋە ئورنىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. نۆۋەتتىكى ئەھۋالدا ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىسلاھات جەريانىدا رىقابەت ئەمەس، بەلكى دىپلوماتىيە ۋە ھەمكارلىق ئارقىلىق ۋەزىيەتنى باشقۇرۇش باش مىنىستىر مودىغا باغلىق.