روسىيەنىڭ 24-فېۋرال ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشىنى باشلىغانلىقىغا 10 كۈن بولدى.
ئۇرۇشنىڭ 10-كۈنى ، دۆلەتنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا توقۇنۇشلار داۋام قىلىۋاتقاندا، روسىيە ئېغىر زىيانغا قارىماي بۇ ساھەدە داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە.
توقۇنۇش ۋە قۇرۇقلۇق ئۇرۇشى داۋاملىشىدىغان ئاساسلىق تەرەپلەرنى تۆت چوڭ لىنىيىگە بۆلۈشكە بولىدۇ:
– پايتەخت كىيېۋ بىلەن چېرنىخېۋنىڭ لىنىيىسى
– دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى سۇمى-خاركىۋ لىنىيىسى
– دونباس رايونى
– قىرىمنىڭ شىمالىدىكى ئودېسسا-زاپورىجيا لىنىيىسى
دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، روسىيە ئۇكرائىنانىڭ ئىچكى رايونلىرىغا يېتىپ بېرىش، پايتەخت كىيېۋنى قورشاش ۋە ئۇكرائىنا ئۈچۈن ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە مەركەزلەرنى كونترول قىلىشنى، بولۇپمۇ توقۇنۇشلاردا كونترول قىلىشنى مەقسەت قىلىماقتا.
بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە ، ئالدى تەرىپىگە پاراشوت بىلەن سەكرىگەن روسىيە ئەسكەرلىرى قۇرۇقلۇقتىن ئالغا ئىلگىرىلىمەكچى بولۇۋاتىدۇ. ئەمما بۇ ئۇرۇنۇشلار ئۇكرائىنا ئارمىيىسىنىڭ قارشىلىقى سەۋەبىدىن ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىماقتا.
ئۇرۇش ئونىنچى كۈنىگە قەدەم قويغاندا، روسىيە يەنىلا ئۇكرائىنانىڭ ھاۋا بوشلۇقىدا روشەن ئەۋزەللىكنى ساقلىيالمىدى. بۇ ئەھۋال ئۇكرائىنانىڭ ئاۋىئاتسىيە ئايروپىلانلىرى ئىشلىتىشىگە يول قويسىمۇ، ئەمما روسىيەنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانى ۋە تىك ئۇچارنى خالىغانچە ئىشلەتمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
توقۇنۇشنىڭ جەريانى
پايتەخت كىيېۋنىڭ چېتىگە قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقان روسىيە ئۇ يەردە قاتتىق قارشىلىققا ئۇچرىدى. بۇ قارشىلىققا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، روسىيە قىسىملىرى شىمال، غەرب ۋە شەرقىي رايونلاردىن كىيېۋنى قورشاش ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلىمەكچى بولۇۋاتىدۇ.
روسىيە ئەسكەرلىرى سۇمى-خاركىۋ لىنىيىسىدىكى ھەر قايسى شەھەرلەرنى ئىگىلىمەكچى بولغاندىن باشقا ، قۇرۇقلۇق بىلەن ئۇكرائىناغا كىرمەكچى بولۇۋاتىدۇ. دونباس رايونىدىكى توقۇنۇش ئادەتتە روسىيە قوللىغان دونېتسىك بىلەن لۇخەنسك ئارمىيىسى بىلەن ئۇكرائىنا ئارمىيىسى ئوتتۇرىسىدا بولسىمۇ ، روسىيە تەرەپنىڭ ئىلگىرىلىشى ئىنتايىن چەكلىك.
روسىيە ھازىرغىچە ئەڭ ئىلگىرلىگەن رايون قىرىمنىڭ شىمالىدىكى مىكولايۋ ، خېرسون ۋە زاپورىجيا رايونى. بۇ يەردە ، روسىيە خېرسون شەھىرىنى ئىشغال قىلى ، دونباس رايونى بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، مارىپولنى قورشاۋغا ئالدى.
ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى زاپورىجيا يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسىنى كونترول قىلغان روسىيە، مىكولايۋ شەھىرىنىڭ سىرتىغا جايلاشتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، روسىيە داۋاملىق ئۇكرائىنا جەنۇبىدىكى يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسىغا قاراپ ئىلگىرلىمەكتە. روسىيەنىڭ مەقسىتىنىڭ بۇ رايوندىكى ئودېسسا، مىكولايۋ، خېرسون ۋە زاپوروجيان ۋىلايەتلىرىنى پۈتۈنلەي كونترول قىلىش ۋە مولدوۋادىكى روسىيە قوللىغان ترانسنىسترىيە رايونى بىلەن قۇرۇقلۇقتىن باغلىنىش ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
توقۇنۇش ھەر ئىككى تەرەپكە ئېغىر زىيان بىلەن داۋام قىلسىمۇ، تېخىمۇ كۆپ زىيان تارتىدىغان ھەم تارتىۋاتقان تەرەپ يەنىلا روسىيە. ئەمما دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، رۇسىيە ئېغىر زىيانلارغا قارىماي ھۇجۇملىرىنى توختاتمىغان ۋە ئۇكرائىنا شەھەرلىرىنى قاتتىق بومباردىمان قىلغان. ئۇرۇشنىڭ داۋاملىشىشىغا ئەگىشىپ، روسىيەنىڭ پۇقرالارغا قاراتقان ھۇجۇمىنىڭ كۈچىيىشى سەۋەبىدىن پۇقرالارنىڭ ئۆلۈش-يارىلىنىش نىسبىتىنىڭ ئېشىشىدىن ئەندىشە قىلىنماقتا.