بۈگۈن ئانىلارنىڭ دىققىتىگە، بوۋىقىنى ئالداپ پەپىلەشتىكى ئۆتكۈر قورالدىن بىرنى—ئالتۇن رەڭلىك كۆممىقوناق دانىچىسى تونۇشتۇرىمىز.
خام ماتېرىيالى: كۆممىقوناق، تۇزلانغان تۇخۇم سېرىقى، كىراخمال، ئاق شېكەر، تۇخۇم
تەييارلاش ئۇسۇلى
1. كۆممىقوناقتىن بىرنى تەييارلاپ، ئۇۋاپ دانىچىلىرىنى ئايرىپ ئالىمىز.
2. قازاندا سۇ قاينىتىپ، كۆممىقوناق دانىچىسىنى قاينىتىۋالغاندىن كېيىن سۈزۈپ ئېلىپ سوغۇق سۇغا سېلىپ سوۋۇتىمىز.
3. كۆممىقوناق دانىچىسىنى سۇغۇق سۇدىن سۈزۈپ ئېلىپ سۈيىنى تولۇق ساقىتىۋەتكەندىن كېيىن، ئۈستىگە تۇخۇمدىن بىرنى چاقىمىز.
4. ئۈستىگە يەنە ئازراق كىراخمال قوشۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز.
5. ئارىلاشتۇرۇپ تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك ھالەتكە ئەكىلىمىز.
6. چويلىدا سۈزۈپ ئارتۇق كىراخمالنى چۈشۈرىۋىتىمىز.
7. قازانغا ماي قۇيۇپ، ماي بەش ئۈلۈش قىزىغاندا كۆممىقوناق دانىچىسىنى سېلىپ داغلايمىز.
8. تۇزلانغان تۇخۇم سېرىقىنى ئىزىپ پاراشوك ھالىتىگە ئەكىلىمىز.
9. قازانغا ئازراق ماي قۇيۇپ، تۇزلانغان تۇخۇم سېرىقىنى كىچىك ئوتتا قورۇپ كۆپۈك ئۆرلەشكە باشلىغان ۋاقىتتا، داغلاپ تەييارلىغان كۆممىقوناق دانىچىسىنى سېلىپ ھەمدە ئۈستىگە ئازراق شېكەر سېپىپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ قورۇيمىز.
10. ئازراق ۋاقىت قورۇپ، قورۇلغان تۇخۇم سېرىقى كۆممىقوناق دانىچىسىغا پۈتۈنلەي يېپىشقاندا ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.
ئەسكەرتىش: تۇزلانغان تۇخۇم سېرىقى ئۆردەك تۇخۇمىنى تۇزلاش ئارقىلىق تەييارلىنىدىغان بولۇپ، ئۆيدە تەييارلاشقا بولىدۇ، ئەمما كۆپ ۋاقىت كېتىدىغان بولغاچقا، يەنىلا بازاردىن تەييارنى سېتىۋالسىڭىز تېخىمۇ قولايلىق بولىدۇ.