يىڭى ئۈزۈلگەن يالپۇز يۇپۇرمىقىدا چاي دەملەپ ئىچسەك، ساغلاملاشتۇرۇش ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى بولغان چاي ئىچىملىكى بولىدۇ. يالپۇز چېيى دەملەش ئۇسۇلى ئىنتايىن ئاددى بولۇپ، ئادەتتىكى چاي دەملەش ئۇسۇلى بىلەن كۆپ پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ.
بىراق، يالپۇز چېيىنى دەملەش ئۇسۇلى بىر قەدەر كۆپ؛ ئۇنى يالغۇز دەملەپ ئىچىشكە، ۋە باشقا نەرسىلەر بىلەن ماسلاشتۇرۇپ دەملەپ ئىچىشكە بولىدۇ، ئۈنۈمىدىمۇ بەلگىلىك پەرق بولىدۇ. تۆۋەندە، يالپۇز چېيىنىڭ كۆپ ئۇچرايدىغان دەملەش ئۇسۇلىنى كۆپچىلىككە تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
📌 يالپۇز ھەسەل چېيى
يالپۇزدىن بەش گىرام ئېلىپ، پاكىزە يۇۋەتكەندىن كىيىن، قايناقسۇ بىلەن دەملەيمىز؛ ئۆزى تەبىئى سۇۋۇغاندىن كىيىن، مۇۋاپىق مىقداردا ھەسەل قوشۇپ ئىچسەك بولىدۇ.
📌يالپۇز ئۈچقات چېيى
يالپۇز ۋە ئۈچقاتنى قايناقسۇ بىلەن دەملىگەندىن كىيىن، ئېغىزىنى بەش مىنۇت ھىم ئىتىپ قويۇپ، كەينىدىن ئازراق ھەسەل قۇشۇۋەتسەكلا بولىدۇ. يالپۇز ئۈچقات چېيىنىڭ ئىسسىق ۋە زەھەرنى ھەيدەش ئۈنۈمى بولۇپ، ياز پەسلىدە ئىسسىق يەل ئۆرلىگەن كىشىلەرنىڭ ئىچىشىگە ماس كىلىدۇ.
📌 ئاق شىكەر يالپۇز چېيى
يىڭى يالپۇزنى يۇۇيپ پاكىزلاپ، قايناقسۇدا دەملىگەندىن كىيىن، مۇۋاپىق مىقداردا ئاق شىكەر قوشۇپ، ئۆزى تەبىئى سۇۋۇغاندىن كىيىن ئىچسەك بولىدۇ. بۇ چاينىڭ ئىسسىق ئۆتۈپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بار بولۇپ، ئىچكەندىن كىيىن بەدەن راھەتلىنىپ روھى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان قىلىدۇ.
📌يىشىل چاي يالپۇز ئارىلاشما چېيى
مۇۋاپىق مىقداردا يىشىل چاي ئېلىپ، يالپۇز بىلەن قوشۇپ بىللە دەملەيمىز؛ ئاق شىكەر ياكى ھەسەل قوشۇپ تەمىنى تەڭشىسەكلا بولىدۇ.
📌يالپۇز ناۋات چېيى
يىڭى يالپۇز يۇپۇرمىقىدىن 10-5تال ئېلىپ، ئاۋال پاكىزە يۇۋەتكەندىن كىيىن ئىستاكانغا سېلىپ، ئۈستىگە قايناقسۇ قۇيىمىز؛ كەينىدىن ئازراق ناۋات سېلىپ، ئىستاكاننىڭ ئېغىزىنى 20-15مىنۇت باسۇرۇپ قويغاندىن كىيىن ئىچسەك بولىدۇ.
📌 يالپۇز قىزىل گۈل چېيى
قىزىل گۈل غۇنچىسىدىن 5-4نى، يىڭى يالپۇز يۇپۇرمىقىدىن 10تالنى تەييارلايمىز. قۇرۇق قىزىل گۈل ۋە يالپۇزنى بىللە ئىستاكانغا سېلىپ، ئۈستىگە قانيناقسۇ قۇيغاندىن كىيىن، ئىستاكاننىڭ ئېغىزىنى 15-10مىنۇت ھىم يېپىپ قويىمىز؛ ۋاقىت توشۇپ سۇۋۇغاندىن كىيىن ئىچسەك بولىدۇ. يالپۇز قىزىل گۈل چېيىنىڭ قاننى جانلاندۇرۇش، كەيپىياتنى ياخشىلاش، ھارغىنلىقنى تۈگىتىش، سەگەكلەشتۈرۈش ئۈنۈمى بار. ئۇنىڭ يەنە يۈرەك ۋە مىڭىنىڭ ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، مەركىزى نىرۋا سېستىمىسىنى كۈچەيتىش ھەمدە قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش رولى بار، ئەقلى ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارغا ئەڭ ماس كىلىدۇ.