Home خەلقئارا خەۋەرلەرCOVID-19دۇنيادىكى خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 33 مىليوندىن ئېشىپ كەتتى

دۇنيادىكى خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 33 مىليوندىن ئېشىپ كەتتى

by تەكلىماكان

خىتاينىڭ خۇبېي ئۆلكىسى ۋۇخەن شەھرىدە پەيدا بولغان ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغان يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس (COVID-19) يۇقۇمىدا بايقالغان بىمارلارنىڭ ئومۇمىي سانى 33 مىليون 62 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى.

«Worldometer» تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، COVID-19 بار دۆلەتلەر ۋە رايونلاردىكى كېسەللىكلەر توغرىسىدىكى ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتلار توپلانغان بولۇپ ، دۇنيا مىقياسىدا 998.803 ئادەم ۋىرۇس سەۋەبىدىن قازا قىلغان.

دۇنيا مىقياسىدا يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 33 مىليون 62 مىڭ 174 كە يەتكەن بولسا ، 24 مىليون 412 مىڭ 868 ئادەم ساقايغان بولۇپ، 7 مىليون 650 مىڭ 503 كىشى داۋالانماقتا ئىكەن.

ئامېرىكىدا 7 مىليون 287 مىڭ 593 ئادەمدە ۋىرۇس بايقالغان ، 209 مىڭ 177 ئادەم يۇقۇم سەۋەبىدىن ئۆلگەن.

2020-09-27

مەنبە: ئانادولو ئاگېنتلىقى / ت ر ت خەۋەر

Related Articles

Leave a Comment