![](http://taklimakan.biz/wp-content/uploads/2020/09/photo_2020-09-27_12-22-27.jpg)
ئىران ئەرمېنىيەنى تۆۋەندىكى بىر قانچە سەۋەبلەر تۈپەيلى قوللايدۇ:
![](http://taklimakan.biz/wp-content/uploads/2020/09/48512_145622398244802500_1548171160446-1024x440.jpg)
💥#ئەزەربەيجانلىقلارنىڭ كۆپ قىسمى شىئە، لېكىن ئۇلار شىئە دىنىغا قارىغاندا تۈرك مىللەتچىلىكىگە تېخىمۇ سادىق؛
💥#ئەزەربەيجانلىقلار #تۈركىيەنىڭ تەبىئىي گاز بايلىقىنى كۆپ خىللاشتۇرۇشقا ياردەم بېرىپ، #ئىراننىڭ تەبىئىي گاز بازىرىدىكى ھەسسىسىنى ئازايتىشقا تۆھپە قوشىدۇ؛
💥#ئىران نوپۇسىنىڭ تۆتتىن بىر قىسمى ئەزەربەيجانلىقلار يەنى 12 مىليوندىن 20 مىليونغىچە بولۇپ، بۇلارنىڭ زور بىر قىسمى ھازىر ئەزەربەيجاندا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى كۆرۈۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. بىراق #ئىران ھاكىمىيىتى ئىراق ۋە لىۋان قاتارلىق دۆلەتلەردىكى تەسىر دائىرىسىنى كۈچلەندۈرەلىگەندەك #ئەزەربەيجاندىكى بولۇۋاتقان ئىشلارنى كونترول قىلمايدۇ.
رۇسىيە تۆۋەندىكى بىر قانچە سەۋەبلەر تۈپەيلى ئەرمېنىيەنى قوللايدۇ:
![](http://taklimakan.biz/wp-content/uploads/2020/09/rossiyaarmeniya-1024x576.jpg)
💥#ئەرمېنىيەدىكى كۆپ سانلىق پۇقرالار پراۋۇسلاۋىيە يەنى #خىرىستىئان؛
💥#رۇسىيە #ئەزەربەيجاننىڭ ئېنىرگىيە بازىرىدا #ئەرمېنىيەدىن ئېشىپ كېتىشىگە يول قويمايدۇ؛
💥#ئەرمېنىيەنىڭ ئاجىزلاپ كېتىشى، كۆپ سانلىقى #مۇسۇلمانلاردىن تەشكىل #كاۋكاز رايونىدا مۇقىمسىزلىقنىڭ يۈز بېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
تۈركىيە ئەزەربەيجاننى تۆۋەندىكى سەۋەبلەر تۈپەيلى قوللايدۇ:
![](http://taklimakan.biz/wp-content/uploads/2020/09/thumbs_b_c_ab9ba6e6cc32ef99f97c2782d33876f2.jpg)
💥#ئەزەربەيجانلىقلارنىڭ تىلى ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرى ئاساسەن ئوخشاش؛
💥#تۈركىيە #ئەزەربەيجاندا يېڭى ئېنىرگىيە تۈرلىرىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق ئۆز دۆلىتىنىڭ، #رۇسىيە ۋە #ئىرانغا بولغان تايىنىشچانلىقىنى ئازايتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە (تۈركىيە) #جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىكى سەۋەبلىك، #تەبىئىي گاز بازىرىدىكى مۇھىم رولچىغا ئايلىنىدۇ.
![](http://taklimakan.biz/wp-content/uploads/2020/09/unnamed-1.png)
ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى بايراقدار- TB2 ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنىڭ ئەرمېنىيە ئوق-دورا ئىسكىلاتىغا ھۇجۇم قىلغان يېڭى كۆرۈنۈشلىرىنى ئېلان قىلدى.
ناگورنو-قاراباغ دائىرىلىرى: #ئەزەربەيجان كۈچلىرى بىلەن تىركىشىشتە #ئۆلتۈرۈلگەن #ئەرمېنىيە ئەسكەرلىرىنىڭ سانى 31 گە يەتتى.
2020-09-28