ساپيورچىلار قىسىمىنىڭ يەنى بىر ئىسمى قۇرلۇش قىسىمى بولۇپ، ئېنگىلىزچە ئاتىلىشى: Sapper, Pioneer ياكى Combat engineer. ھازىرقى زامان قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىدە ساپيورچىلار قىسىمىنىڭ تۇتقان ئورىنى ھەم ناھايىتى مۇھىم بولۇپ ئالدىقى سەپ جەڭ خىزمەتلىرىنىڭ نورمال داۋام ئىتىشىنىڭ ئاساسى بولۇپ قالغان. ساپيورچىلار قىسىمى جەڭ ئىشلىرىدا ئىنشائات خىزمەتلىرىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان مەخسۇس ئەسكەرلىك تۈرى بولۇپ، يەر يۈزىدە جەڭ قىلىدىغان قىسىملارغا ياردەم خىزمىتىنى ئۆتەيدۇ. ئالدىنقى سەپ مۇداپىيە قۇرلۇشلىرى گۇرۇپپىسى، يول-كۆۋرۈك قۇرلۇشلىرى گۇرۇپپىسى، نىقابلاش ئىشلىرىغا مەسئۇل گۇرۇپپىلار ۋە تەمىنات گۇرۇپپىلىرى قاتارلىق تارماق گۇرۇپپىلاردىن تەشكىللەنگەن.
ساپيورچى قىسىمنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىلىرى ئالدىنقى سەپ مۇداپىيە قۇرلۇشلىرىنى ياخشىلاش ۋە شۇنىڭغا مۇناسىب رازۋىتكا خىزمەتلىرىنى ئېلىپ بېرىش، يول ئوڭشاش ۋە كۆۋرۈك سېلىش، ئىنشائات خىزمەتلىرى، مۇھىم بولغان ئەسلىھە ۋە ئورۇنلارنى نىقابلاش، دالا جەڭلىرىگە سۇ يەتكۈزۈش پونكىتلىرىنى قۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
2020-10-25
مەنبە: يۇرتۇغ ئەسكىرى بىلىملىرى