ھۆكۈمەتتىكى ئالتە كىشى ۋە بۇ ئىشنى پىششىق بىلىدىغان ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان كەڭ تىرىشچانلىقىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، ياپونىيە خىتاينىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن تەمىنلىشىنى توختىتىشى مۇمكىن ئىكەن.
بۇ كىشىلەرنىڭ ئاساسلىق ئەندىشىسى ئۇچۇر تېخنىكىسى، تەمىنلەش زەنجىرى، تور بىخەتەرلىكى ۋە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى مەركەز قىلغان بولۇپ، بۇ ئەندىشىلەر ياپونىيەنىڭ سىرتىدىمۇ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتىدۇ.
شۇنداقلا ياپونىيە كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان سودا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى، بىخەتەرلىك كامېراسى قاتارلىق سەزگۈر تېخنىكىلارنى ئېكسپورت قىلىشتا خىتاينىڭ ئىقتىسادىغا تايىنىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك.
ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىدىن بىرى: «خىتاي چوڭ بازار، ئۇ ياپونىيە ئۈچۈن مۇھىم» دېگەن بولسىمۇ يەنە بىر تەرەپتىن ، ئىلغار تېخنىكا ۋە ئۇچۇرلارنىڭ خىتايغا ئېقىپ كېتىشى ۋە ھەربىي ئىشلارغا ئىشلىتىلىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا»
2021-يىلى 4-ئايدا يولغا قويۇلىدىغان قاتتىقلاشتۇرۇلغان قائىدىلەر ھېچقانداق دۆلەتنى تىلغا ئالمىغان. ئەمما يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ۋە ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە مەنبەلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار ئاساسلىق خىتاينى كۆزدە تۇتقان ئىكەن.
ئەگەر بۇ قائىدە ئۇيغىلنىپ قالسا خىتاي ماللىرى چەكلەنسە ياپونىيە دۆلەت ئىچىدىكى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئىشلەپچىقارغۇچىلار بۇ ئۆزگىرىشلەردىن نەپكە ئېرىشىشىدۇ.
ياپونىيە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى ئىشلەپچىقارغۇچى توكيو ئاۋىئاتسىيە ئەسۋابلىرى شىركىتى يۇقىرى شامالدا ئۇچالايدىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنى ياساپ چىقتى – بۇ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئاپەتتىن كېيىنكى زىياننى تەكشۈرۈشكە ماس كېلىدىغان بولۇپ، شىركەت ھۆكۈمەت بىلەن بولغان قوللىنىشچان پروگراممىلارنى سۆزلەۋاتىقان ئىكەن.
بۇ شىركەتنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بۆلۈمىدىكى كازۇيا سۇمىدا مۇنداق دېدى: ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان سۇپىسى ، ئۇچۇشنى كونترول قىلىش سىستېمىسى ۋە رادىئو خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ھەممىسى دۆلەت ئىچىدە ياسالغان ، ئۇ بىزنىڭ ئاۋىئاتسىيە زاپچاسلىرى جەھەتتىكى كۆپ يىللىق تەجرىبىمىزنى ئاساس قىلغان ئۆزگىچە مودېلمىز. «بىز ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇر ۋە ئالاقە ئىقتىدارىنىڭ بىخەتەرلىكىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇشنى پىلانلاۋاتىمىز»
يەنە بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارى مۇنداق دېدى: «ياپونىيە خىتاي بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ساقلايدۇ، ئەمما بىز سەزگۈر تېخنىكا ۋە ئۇچۇرلارغا تېخىمۇ ئەستايىدىللىق بىلەن دېققەت قىلىدۇ».
تەھلىلچىلەر مۇنداق دېدى: ئامېرىكا خىتاينىمۇ ئۈزۈپ تاشلىيالمايدۇ ، چۈنكى ئۇ ئامېرىكا ئىقتىسادىغا زىيان سالىدۇ.
ياپونىيە ئاللىقاچان 300 مىليارد فوندستېرلىڭ ئەتراپىدا مەبلەغ ئاجرىتىپ ، تەمىنلەش زەنجىرىنى كۆپ خىللاشتۇرۇپ ، ئىشلەپچىقىرىشنى ئۆيگە ئېلىپ كىرىش ياكى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادا تېخىمۇ كۆپ جايلارنى تېپىش ئارقىلىق خىتايغا تايىنىشنى ئازايتماقتا.
2020-10-30
مەنبە: JAPANTIMES