خىتاي ۋىرۇس (Covid-19) يۇقۇمى سەۋەبىدىن ، ياپونىيە ساياھەت ۋىزىسى بارلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، خىتاي ۋە كورېيە قاتارلىق 9 دۆلەت پوقرالىرىغا ياپونىيىگە كىرىش چەكلىمىسىنى بىكار قىلدى.
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى Covid-19 خىزمەت گۇرۇپپىسى يىغىنىدا باش مىنىستىر سۇگا يوشىخىدنىڭ رەھبەرلىكىدە قارارنامە ئېلان قىلىندى.
بۇنىڭغا ئاساسەن ، 11-ئايغىچە خىتاي ، كورېيە ، ئاۋىستىرالىيە ، برۇنېي ، يېڭى زېلاندىيە ، سىنگاپور ، تايلاند ، تەيۋەن ۋە ۋيېتنامنىڭ ساياھەت ئاگاھلاندۇرۇش دەرىجىسى 3 دىن 2 گە قىسقارتىلدى.
سۇگا چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: بۇ قارار ھەم يۇقۇملۇق تەدبىر دائىرىسىدە چىقىرىلدى ھەم كىچىك كۆلەمدە بولسىمۇ سودا پائالىيىتىنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق ئىقتىسادىي ئايلىنىشنى تېزلىتىدۇ.
مۆلچەرلىنىشىچە ، ياپونىيە پۇقرالىرى ۋە بۇ دۆلەتتە تۇرۇش كىنىشكىسى بار چەتئەللىكلەرگە قوللىنىلغان 14 كۈنلۈك كارانتىن بوشىتىلىدىكەن.
ياپونىيە باشقا دۆلەتلەرگە ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش كېلىشىمىنى ۋاقتىنچە توختاتقانلىقىنى ۋە يېڭى ۋىزا چەكلىمىسىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
يەنە بىر تەرەپتىن ، بېرما ۋە ئىئوردانىيە چېگرادىن كىرىشنى چەكلەيدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىگە قوشۇلدى.
2020-11-01
مەنبە: مەنبە: TRTHABAR /AA