تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتى (THY)، تۈركىيەنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى خىتايدىن سېتىۋالغان Covid-19 ۋاكسىنىسىنىڭ تۈركىيەگە يېتىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە ، خىتاينىڭ سىنوۋاك شىركىتىدىن 50 مىليون دانە ۋاكسىنا سېتىۋالغان ئىدى.
THY نىڭ باياناتىدا، بۇ ۋاكسىنىنىڭ خىتاي پايتەختى بېيجىڭدىن ئىستانبۇلغا ئېلىپ كېلىنىدىغانلىقى ۋە بىر كۈندىن كېيىن ئەنقەرەگە ئېلىپ كېلىنىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
باياناتتا، 3 مىليون دانە ۋاكسىنىنىڭ بوئىن 777 تىپلىق يۈك ئايروپىلانى بىلەن ئېلىپ كېلىدىغانلىقى كۆرسىتىلدى. بۇ ۋاكسىنىنىڭ 30-دېكابىر سائەت 06:10 دە تۈركىيەگە كېلىشى مۆلچەرلەنمەكتە. سەھىيە مىنىستىرلىكى بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى يېتىپ كېلىشى مۆلچەرلەنگەن ۋاكسىنىنىڭ يەتكۈزۈلۈشىنىڭ بېيجىڭدىكى تاموژنىدىكى مەسىلە سەۋەبىدىن كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
2020-12-29
مەنبە: Mepa News