880
مەنبە: Mepa News
سەيشەنبە ؛ 2021-يىل 2-فېۋرال…….
روسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئىدلىبنىڭ شىمالىدىكى يېزىلاردا ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ باردى.
نەق مەيدان مەنبەلىرىدىن ئېلىنغان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا ، روسىيە ھاۋا ئارمىيىسىگە تەۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى سۈرىيەدىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقىدىكى ئىدلىب ۋىلايىتىنىڭ شىمالىدىكى رايونلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغان.
ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ شىمالىي خەربېنۇش رايونىدا ئۇزۇندىن بۇيان ئۇچۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان مەنبەلەر، ئۇچۇشلارنىڭ تۇيۇقسىز ھاۋا ھۇجۇمىغا يول ئاچقانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ھەمبەھىرلىدى.
ھۇجۇمنىڭ تۇنجى سۈرەتلىرى رايوندىن يەتكۈزۈلگەن بولسىمۇ ، ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك زىيىنى توغرىسىدا ئېنىق ئۇچۇر يوقلىقى بايان قىلىنغان.