937
خام ماتېرىيالى: ئوتخور بېلىق 1دانە(ئۇزىڭىز ياقتۇرىدىغان بېلىق )بولسىمۇ بولىدۇ، غولپىياز، زەنجىۋىل
تەم خۇرۇچلىرى: تۇز، ئاقمۇچ، يۇمغاق سۈت (ئاش كۆكى)، سامساق
تەييارلاش ئۇسۇلى : بېلىقنى پارچىلاپ توغرايمىز . غولپىيازنى ئۇششاق توغرايمىز، زەنجىۋىلنى ئۇششاق توغرايمىز.
پىشۇرۇش ئۇسۇلى : قازانغا سۇ قۇيۇپ بېلىق، زەنجىۋىلنى سېلىپ قاينىغاندا كۇپۇكلىرىنى پاكىز ئېلىۋىتىپ، بوش ئوتتا قاينىتىمىز (15مىنۇتئەتراپىدا قايناتساق بولىدۇ)؛ پىشىشقا ئاز قالغاندا، تۇز، غولپىياز، سامساق، ئاقمۇچ قاتارلىقلارنى سېلىپ تەمىنى تېتىپ شورپا قاچىسىغا ئۇسىمىز.