تەكلىماكان
تەكلىماكان
تەكلىماكان
تەكلىماكان
  • Home
  • Buy Now
Copyright 2021 - All Right Reserved
ئۆي سىياسىي ماقالىلەرخىتاينىڭ ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىرىغا قاراتقان «توخۇ ئويۇنى» ھەربىي توقۇنۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارامدۇ؟

خىتاينىڭ ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىرىغا قاراتقان «توخۇ ئويۇنى» ھەربىي توقۇنۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارامدۇ؟

تەرىپىدىن تەكلىماكان 2022-06-12
Share 1FacebookTwitterPinterestThreadsBlueskyEmail
1.3K
قىزىقىشىڭىز مۇمكىن
  • پۇتىن ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا قانداق بولۇپ مەقسىتىگە يېتەلمىدى ۋە رۇس ھەربىي قىسىملىرىنى قانداق ئاقىۋەتلەرگە دۇچار قىلدى؟
    2022-10-02
  • ھىندىستان، ئۇرۇش كەلتۈرۈپ چىقارغان دۇنيا ئاشلىق كرىزىسىنى ھەل قىلالامدۇ؟
    2022-04-19
  • ئافغانىستان ۋە پاكىستان توقۇنىشنىڭ ئارقا كۆرنىشى ۋە يىقىن كەلگۈسى «تەرجىمە ماتېرىيال»
    2021-12-29
  • تابىئىنلار ھاياتىدىن تاللانمىلار
    2020-09-19
  • خۇجىنتاۋنىڭ «مەيداندىن چىقىرىۋېتىلىشى» نۇرغۇن پەرەزلەرنى قوزغىدى، شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئىنگىلىزچە تىۋىتىر ھېساباتىدا مەزكۇر ئىشقا بەرگەن ئىنكاسى
    2022-10-25
  • الإيمان
    2020-09-16

2022- يىل 6- ئاينىڭ 12- كۈنى… يەكشەنبە

خىتاينىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئاسىيا-تىنچ ئوكياندا «توخۇ ئويۇنى» ئويناش ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنى نىشانلىدى. بۇ ئويۇن ۋەزىيەتنى كونترولدىن چىقىرىپ تاشلاپ، ئۇرۇش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان خەۋپىنى ئاشۇرماقتا.

بۈگۈن CNN قانىلىنىڭ تەھلىلىگە قارىغاندا، ھەربىي مۇتەخەسسىسلەر يېقىنقى كۈنلەردە «كانادا ۋە ئاۋىستىرالىيە ئايروپىلانلىرى ۋە ئۇلارنىڭ خادىملىرىغا خەتەر ئېلىپ كەلدى» دەپ ئەيىبلەنگەن خىتاي ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ بارغانسىرى كۈچىتىۋاتقان تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكەتلىرى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغان.

بۇ بېيجىڭنىڭ زېمىن تەلىپىنى خەتەرلىك يېڭى سەۋىيىگە كۆتۈرگەنلىكىنىڭ بەلگىسى.

بۈگۈن سىنگاپوردا باشلانغان ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ مۇداپىئە باشلىقلار يىغىنى «شاڭرى-لا» دىئالوگىدا، ھەممەيلەننىڭ كۆزى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويد ئوستىن ۋە ئۇنىڭ خىتاي مەنسەپدىشى ۋېي فىڭخىنىڭ ئىككى تەرەپلىك سۆھبەتتىگە مەركەزلەشتى.

ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مۇداپىئە ئەمەلدارلىرى دۇنيادىكى ئىككى چوڭ كۈچ ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەتنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، تېخىمۇ پىشىپ يېتىلگەن كرىزىس ئالاقىلىشىش مېخانىزمىنى مۇراجىئەت قىلىپ، ۋاشىنگتوننىڭ «مۇناسىۋەتكە توساق قويۇش» پىرىنسىپىگە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

كۈلرەڭ رايون

كۈلرەڭ رايون ھەرىكىتى – ئەمەلىي ئۇرۇشنىڭ كۆزگە ئېلىپ، مىللىي ۋە سىياسىي نىشانغا يېتىشنى مەقسەت قىلغان مەجبۇرلاش ھەرىكەتلىرىگە ئىشلىتىلىدىغان ھەربىي ئاتالغۇ.

تەھلىلچىلەر، خىتاينىڭ نېمە ئۈچۈن تاجاۋۇزچىلىقنى كۈچەيتىۋاتقانلىقى ۋە بۇ توقۇنۇشتا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئاللىبۇرۇن «كۈلرەڭ رايون» دەپ ئاتىغان يېڭى ئۇرۇش سېپىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ياكى قىلمايدىغانلىقىنى توغرىسىدا سۇئاللارنى پەيدا قىلغانلىقىنى ئېيتشماقتا.

ئاۋىستىرالىيەدىكى گىرىف ئاسىيا ئىنستىتۇتىدىكى پېتېر لەيتون: «خىتاينىڭ يېقىنقى ھەرىكەتلىرى بۇ خىل تاكتىكىلاردا خەتەرلىك ئېشىققا قاراپ يۈزلەنمەكتە. بۇ كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ» دېدى.

باشقا نۇرغۇن تەھلىلچىلەرمۇ بۇ سۆزنى ئىشلىتىپ، بېيجىڭنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھەرىكىتىنى تەسۋىرلىمەكتە.

بىلگىنىمىزدەك، خىتاي نەچچە يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، جەنۇبىي دېڭىزدىكى تالاش-تارتىش بولىۋاتقان رايونلاردىكى ئاراللار ۋە قاراڭغۇ خادا تاشلارنى مۇستەھكەم ھەربىي بازا ۋە ھاۋا يولىغا ئايلاندۇردى.

خىتاي 2016-يىلى خەلقئارا سوتنىڭ خىتايغا قارشى چىقارغان قارارىغا قارىماي، قۇشنا دۆلەتلەر بىلەن بولغان يەر ماجىراسى بولغان 1 مىليون 300 مىڭ كۋادرات ئىنگلىز مىلى دېڭىزنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى داۋاملىق ئۆزنىڭ دەپ تەلەپ قىلماقتا.

لەيتون لوۋى ئىنستىتۇتىنىڭ بىلوگىدا مۇنداق دەپ يازدى: خىتاي ھازىر ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىغا تەۋە ئايروپىلانلارنى «تاجاۋۇزچىلىق» ئارقىلىق توسۇپ كۈلرەڭ رايون تاكتىكىسىنىڭ يېڭى سەۋىيىسىنى قوللاندى.

خىتاينىڭ J-16 كۈرەشچى ئايروپىلانىنىڭ ئالدىنقى ئايدا جەنۇبىي دېڭىزدا ئاۋىستىرالىيە رازۋېدكا ئايروپىلانىنى توسۇۋالغانلىقى ئېلان قىلىندى. بۇ ۋەقە «ئىنتايىن خەتەرلىك» دەپ تەسۋىرلىگەن.

بۇنىڭدىن باشقا، خىتاينىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ كانادا رازۋېدكا ئايروپىلانىغا ئارىلىشىشى ئوتتۇرىغا چىقتى.

بۇ ۋەقەلەر ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنى ساراسىمىگە سېلىۋاتقان بىر پەيىتتە، بېيجىڭ ئۇششۇقلۇق قىلىپ «گۇناھ»نىڭ باشقا دۆلەتلەردە ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرۇپ  ئاۋىستىرالىيە ۋە كاناداغا قارشى ئىنكاس قايتۇردى.

خىتاي ئارمىيىسى توغرىسىدا مۇتەخەسىس Skylar Mastro بۇ تېمىدا: «بېيجىڭ ئۇچقۇچىللىرىنى خەتەرلىك «توخۇ ئويۇنى» دا ئىشلىتىۋاتىدۇ. بۇ «بېيجىڭ غەلىبە قىلىمىز» دەپ ئويلاۋاتقان ئويۇن بولۇپ، خىتاي بۇ سۈركۈلۈشنىڭ كۈچىيىش ئېھتىماللىقىدىن ئەنسىرىمەيدۇ، ئەمما خىتاي غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئەندىشىسىنى بىلىدۇ. خىتاي بۇ خەتەرلىك ھەرىكەتنى ئېلىپ بېرىپ، ئارقىدىنلا رەقىبلىرىگە: «ئەگەر سىز بۇ يەردە بولمىغان بولسىڭىز ، تېخىمۇ بىخەتەر بولاتتى» دىگەنلەرنى ئىلگىرى سۈرۋاتىدۇ.» دېدى.

نېمىشقا ھازىر؟

ماسترو ۋە باشقىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، خىتاينىڭ ھازىرغا قەدەر «توخۇ ئويۇنى» ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداشلارنى تاللىغانلىقى ئەقىلگە مۇۋاپىق.

ئاقىللار ئامبىرىنىڭ خەلقئارا مۇداپىئە تەتقىقاتچىسى تىموتىي خىت: «خىتاي بۇ ئارقىلىق تىنچ ئوكياندىكى شېرىكلىرى بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداشلىقىنى بۇزماقچى بولۇۋاتقانلىقىدىن بولۇشى مۇمكىن. ئامېرىكىنىڭ كانادا ۋە ئاۋىستىرالىيە قاتارلىق ئىتتىپاقداشلىرىنى نىشانلاش بۇ خىل ئىتتىپاقنىڭ ئاجىزلىقى ئۈستىدە ئىزدىنىش ۋە بۇ دۆلەتلەردىكى كىشىلەرنىڭ ئامېرىكا ۋە خىتاي بىلەن بولغان ھەربىي ھەمكارلىقنىڭ خەتىرىگە بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇشنىڭ ئۇسۇلى بولالايدۇ» دېدى.

قىزىقىشىڭىز مۇمكىن
  • پۇتىن ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا قانداق بولۇپ مەقسىتىگە يېتەلمىدى ۋە رۇس ھەربىي قىسىملىرىنى قانداق ئاقىۋەتلەرگە دۇچار قىلدى؟
    2022-10-02
  • ھىندىستان، ئۇرۇش كەلتۈرۈپ چىقارغان دۇنيا ئاشلىق كرىزىسىنى ھەل قىلالامدۇ؟
    2022-04-19
  • ئافغانىستان ۋە پاكىستان توقۇنىشنىڭ ئارقا كۆرنىشى ۋە يىقىن كەلگۈسى «تەرجىمە ماتېرىيال»
    2021-12-29
  • تابىئىنلار ھاياتىدىن تاللانمىلار
    2020-09-19
  • خۇجىنتاۋنىڭ «مەيداندىن چىقىرىۋېتىلىشى» نۇرغۇن پەرەزلەرنى قوزغىدى، شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئىنگىلىزچە تىۋىتىر ھېساباتىدا مەزكۇر ئىشقا بەرگەن ئىنكاسى
    2022-10-25
  • الإيمان
    2020-09-16
ئامېرىكائىتتىپاقداشخىتاي
Share 1 FacebookTwitterPinterestThreadsBlueskyEmail

باھا يېزىڭ جاۋابنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش

ئالدىنقى يازما
ئامېرىكا ئوكرائىناغا بەرگەن HIMARS سىستېمىسى توغرىسىدا نېمىلەرنى بىلىسىز؟ «دىئاگرامما»
كېيىنكى يازما
تۈركىيەنىڭ 4-بۇرغىلاش پاراخوتى «ئابدۇلھەمىدخان»

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

خاماسنىڭ ھۇجۇم پىلانى

ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنى قىزىل دېڭىزغا ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلىدى

ئىتالىيە خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول تەشەببۇسى» دىن...

خەرىتە | ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەنى ئىشغال قىلىشىدىكى ئەڭ يېڭى...

📌 خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرق ئىستراتېگىيىسى

ھاماسنىڭ غەززەدىكى مەخپىي تونېل تورى ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز؟

تەھلىل | خىتاينىڭ ئىقتىسادى غەرب مۆلچەرلىگەندەك ئۇنچىۋالا كۈچلۈك...

روسىيە ئېغىر خاتالىقىدىن ساۋاق ئېلىپ تاكتىكىسىنى ئۆزگەرتىۋاتىدۇ

تىز ياردەم بىرىش قىسمى بىلەن سۇدان ئارمىيىسى ئوتتۇرسىدىكى...

فىلىملەر

  • ئەبۇ ئۇبەيدە كىم؟ «يېڭى فىلىم»

    2023-11-15
  • خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان تەسىرىنى قانداق چۈشۈنىش كېرەك؟ (يېڭى فىلىم)

    2023-10-20
  • خىتاي تەھدىتى ئاسىيادىكى مۇداپىئە سىياسىتىنى قانداق ئۆزگەرتىدۇ؟

    2023-08-06
  • بىر مىنۇتتا «بۈگۈن» 2023-07-09

    2023-07-09
  • خىتاي, ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە قالدۇرغان «كۈچ بوشلۇقى» نى تولدۇرماقچىمۇ؟

    2023-07-08

يازما ئەسەرلەر

  • خاماسنىڭ ھۇجۇم پىلانى

    2023-12-21
  • ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنى قىزىل دېڭىزغا ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلىدى

    2023-12-09
  • ئىتالىيە خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول تەشەببۇسى» دىن چېكىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

    2023-12-07
  • 📌 خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرق ئىستراتېگىيىسى

    2023-11-30
  • ھاماسنىڭ غەززەدىكى مەخپىي تونېل تورى ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز؟

    2023-10-29

ئاۋات تېمىلار

  • 1

    ئىتالىيە خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول تەشەببۇسى» دىن چېكىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

    2023-12-07
  • 2

    📌 خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرق ئىستراتېگىيىسى

    2023-11-30
  • 3

    خاماسنىڭ ھۇجۇم پىلانى

    2023-12-21
  • 4

    ئىسرائىلىيە قىسىملىرى جەنىن پاناھلانغۇچىلار لاگېرى بىلەن  ئۈچ  دوختۇرخانىنى قورشاۋغا ئالدى

    2023-11-30
  • 5

    ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنى قىزىل دېڭىزغا ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلىدى

    2023-12-09

Footer - تەكلىماكان تەشۋىقات

تەكلىماكان تەشۋىقات لوگوسى

تەكلىماكان تەشۋىقات - ئۇنۋىرسال چوڭ توربىكەت. فىلىم، خەۋەر، ئىقتىساد، ماقالە ۋە رەسىملەر بىلەن تەمىنلەيدۇ.

تېز ئۇلانمىلار

  • باش بەت
  • ھەققىمىزدا
  • فىلىملەر
  • خەۋەرلەر
  • ئالاقىلىشىش

بۆلەكلەر

  • خەلىقئارا خەۋەر
  • ئىقتىسادى كۆزنەك
  • ماقالە
  • رەسىم
  • ۋىدېئو

ئالاقە

  • [email protected]

© 2023 تەكلىماكان تەشۋىقات. ھەققى مۇھاپىزەت قىلىنغان.

تەكلىماكان
  • باشبەت
  • فىلىملەر
    • كۈندىلىك خەۋەر
    • تارىخى فىلىم
    • بالىلار فىلىملىرى
    • سىياسىي فىلىم
    • تەبىئەت دۇنياسى
    • بىر مىنۇتتا «بۈگۈن»
  • خەلقئارا خەۋەرلەر
    • ياۋروپا
    • ئاسىيا
    • چاقماق خەۋەر
    • ئوتتۇر شەرىق
    • ئىقتىسادى كۆزنەك
  • ماقالىلەر
    • دىننى ۋە تارىخى كىتابلار
    • بالىلار ئۈچۈن ئوقۇشلۇقى
    • سىياسىي ماقالىلەر
    • شېئىرلار
    • ئۈزۈندىلەر
    • ئۇيغۇر تىبابىتى
  • ئەسكىرىي يوللانمىلار
    • قورال ياراغلارنىڭ مەلۇماتلىرى
    • تارىختا ئەڭ ئۇزۇن داۋاملاشقان ئۇرۇشلار
    • قسىقا ئەسكىري بىلىملەر
    • قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى
    • ھاۋا ئارمىيىسى
    • دېڭىز ئارمىيىسى
    • ئەسكىرى يېڭىلىقلار
  • ئاۋازلىق كىتاب
    • قۇرئان كەرىم «ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق تەرجىمىسى»
    • قىرائەت
      • ئەيمەن سۇۋەيدى
      • مۇھەممەد كوردى
      • ھانى ئەر رىفائى
    • شىرىن بۇلاق
    • تۆت خەلىپە
    • قۇتادغۇبىلىك
  • رەسىملەر
    • دىئاگرامما
    • تۈركىستان مەنزىرلىرى
    • pds لاھىيە رەسىملىرى
    • ئۇيغۇرچە خەرىتىلەر
    • تەكلىماكان لاھىيىسى
    • قورال-ياراغ
  • باشقىلار
    • دۆلەتلەر
    • ئۇيغۇر تىلى
    • ساغلاملىق
    • ئۇيغۇر تائاملىرى
    • مەشھۇر شەخسلەر

كۆرۈپ بىقىڭx

سانلارنى تۇتاشتۇرۇش ئويۇنى

رەڭلەرنى ئۆگىنىش

چىش ئاسراش