تۈركىيە ئۆتكەن 24 سائەت ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 73 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى، يېڭىدىن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 1665 نەپەر.
ئۇنىڭدىن باشقا ، يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 1318 ئادەمگە Covid-19 داۋالىشىنى تاماملانغاندىن كېيىن، ئەسلىگە كەلگەنلەرنىڭ سانى 273 مىڭ 282 گە يەتتى. ئېلىپ بېرىلغان سىناقلارنىڭ سانى 112 مىڭ 885 دەپ ئېلان قىلىندى.
مىنىستىر كوجا سامسون ، ئوردۇ ، ئاماسيا ، چورۇم ، توكات ۋە سىنوپ ئۆلكىلىك سەھىيە مۇدىرلىرى ، مەيدان ماسلاشتۇرغۇچىلار ، ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ باشلىقلىرى ، ئاممىۋى سەھىيە باشلىقلىرى ۋە دوختۇرخانا باش دوختۇرلىرى بىلەن باھالاش يىغىنى ئاچتى.
مىنىستىر يىغىندىن كېيىن قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: «ئەگەر بىز خىتاي ۋىرۇسىغا قارشى قوللانغان تەدبىرلەرنى يولغا قويساق ، زۇكامدىنمۇ ساقلىنالايمىز. بىرلا ۋاقىتتا ئىككى ۋىرۇس بىلەن كۈرەش قىلىشىمىز ھاجەتسىز». ئۇ يەنە: «بىزنىڭ يولىمىز ئاز قالدى، تەدبىرلەرگە بويسۇنايلى» دېگەن ئىپادىنى قوللاندى.
مىنىستىر يەنە مۇنداق دېدى: «ۋاكسىنا ھەققىدىكى خەۋەر دۇنيانىڭ قولىدىكى بىمارلار ئۈچۈن تەسەللى ئەمەس، ئۇ ھەقىقىيدۇر ئەمما يەنە نۇرغۇن ئايلار بار»
مەنبە: Euronews