نەچچە يىل چىش چوتكىلاپ بۇلارنى بىلمىگەن بولغىيمىتىڭىز…
يېقىندا توردا چىش چوتكىلاشقا دائىر مۇنداق بىر تېما پەيدا بولدى، چىش چوتكىسىغا سىقىپ چىقىرىلغان چىش پاستىسىنى چىش چوتكىلاشتىن بۇرۇن ئاۋۋال نەمدەش كېرەكمۇ ياكى؟ بەزىلەر بىلگەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ نەچچە 10 يىلنىڭ ياقى بىكاردىن چىش چوتكىلىغانلىقىنى ھېس قىلدى،ئۇنداقتا سىز ۋە ئاىلىدىكىلىرىڭىزچۇ؟ ھازىردىن باشلاپ توغرا ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى ئۆگىنىۋالايلى،
چىش چوتكىلاشتىن بۇرۇن چىش پاستىسىغا نەم تەگكۈزمەسلىك كېرەك سەۋەبىنى بىلەمسىز؟
چىش چوتكىلىغاندا چىش پاستىسىغا نەم تەگكۈزسىڭىز ئاسانلا.مازغاپ كۆپۈكچىلەر ناھايىتى جىق پەيدا بولۇۋېلىپ،چىشىڭىزنى پاكىز يۇغاندەك ھېس قىلغىنىڭىز بىلەن،ئەمەلىيەتتە چىش پاستىدىكى چىشنى ئاقارتىش چىشنى تازىلاشقا دائىر ماددىلار تۆۋەنلەپ كېتىپ پاكىز يۇيۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بولمايدۇ.
👍توغرا چىش چوتكىلاش ئۇسۇللىرى…
چىش چوتكىلىغان چاغدا چىش پاستىسىغا سۇ تەگكۈزمەي بىۋاستە ئېغىزىڭىزغا كىرگۈزۈپ چىشىڭىزنى ئاستا ئاستا چوتكىلىغاندا ئېغىزىڭىزدىكى شۆلگەي بىلەن ئارىلىشىپ مازغاپ كۆپۈكچىلەر ئاستا ئاستا پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ، بۇ چاغدىكى مازغاپ سىز چىش پاستىسىنى تۇرۇبىدىكى سۇدا ھۆل قىلىۋېتىپ چوتكىلىغاندىكى پەيدا بولغان مازغاپتىن ئاز بولىدۇ، شۇنداق بولغاندا چىش پاستىسىنىڭ تەركىبىدىكى بىزگە چىشىمىزغا كېرەكلىك بولغان ماددىلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغان بولىمىز.
تۆۋەندە چىش چوتكىلاشتىكى 6 تۈرلۈك خاتالىقنى سىزگە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز،سىزدىمۇ مۇشۇ ئەھۋال بولسا تېزراق ئۆزگەرتىۋېلىڭ
بىرىنچى خاتالىق: سوغۇق سۇدا چوتكىلاش
سوغۇق سۇدا چىش چوتكىلاش چىش ئەسلىي ماددىسىغا غىدىقلىنىش كەلتۈرۈپ،چىش پاستىسىدىكى چىشقا پايدىلىق بولغان ماددىلارنىڭكى، ئۈنۈمىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، تەجرىبىلەر شۇنى ئىسپاتلىدىكى، چىش چوتكىلاشقاكېتىدىغان سۇ نورمال بولغاندا37سېلسىيە گرادۇس بولسا بولىدۇ
ئىككىنچى خاتالىق :بەك كۈچەپ چوتكىلاش
ئۈچىنچى خاتالىق: توغرىسىغا چوتكىلاش
توغرىسىغا چىش چوتكىلاش ناھايىتى خاتا چىش چوتكىلاش ئۇسۇلى بولۇپ، چىش ئېمال ماددىسىنى ئاسانلا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇھەم چىش مىلىكى بىلەن چىش بوينى تۇتاشقان يەردە ئويمان ئۇ يوقچە ھاسىل قىلىپ قويىدۇ.
تۆتىنچى خاتالىق: چوتكىلاش ۋاقتى بەك قىسقا بولۇش
سىتاتىسكىغا ئاساسلانغاندا دۆلىتىمىزدىكى كىشىلەرنىڭكى ئوتتۇرىچە چىش چوتكىلاش ۋاقتى 59 سىكۇنت ئىكەن ،بۇ ۋاقىت ئەلۋەتتە ئېغىز بوشلۇقىنى پاكىز چىش چوتكىلاش ئۈچۈن يەتمەيدۇ. ئەڭ مۇۋاپىق ۋاقىت 2 مىنۇت ئەتراپىدا بولسا بولىدۇ.
بەشىنچى خاتالىق: چوتكىلاپ بولۇپلا تاماق يېيىش
98%ئادەم چىشنى چوتكىلاپ بولۇپلا ناشتا قىلىدۇ،بۇنداق بولغاندا، چىش پاستىسى تەركىبىدىكى چىشقا كېرەكلىك بولغان ماددىلارچىش يۈزىدە ئۇزاق تۇرالمايلا قالماستىن.بەلكى ناشتىمىز بىلەن بىرلىشىپ قورسىقىمىزغا كىرىپ كېتىدۇ
ئالتىنچى خاتالىق: چىش چوتكىلاش دائىرىسى مۇۋاپىق بولماسلىق
نۇرغۇن كىشىلەر چىشىنىڭ ئالدى قىسمىنى بەكرەك چوتكىلاپلا ئارقا قىسمىغا ئانچە كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمەيدۇ، شۇڭا كىشىلەردە ئېزىق چىشلارنى ئاسان قۇرت يېيىش پەيدا بولىدۇ.
2020-09-29
مەنبە: ئالماس ئېغىز بوشلۇقى