چامغۇر قەدىمدىن تارتىپ ئىستېمال قىلىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى يەرلىك كۆكتاتلىرىمىزنىڭ بىرى.
ئۇ باشقا كۆكتاتلارغا قارىغاندا ئەرزان ھەم ئۇزاق مەزگىل ساقلاشقا قۇلايلىق بولۇشتەك ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە . ئائىلىلەردە چامغۇرنى ئۇزاق مەزگىل ئىستېمال قىلىش ئارقىلىق نۇرغۇن کېسەللىكلەرنی ئاددىي ئۇسۇل ئارقىلىق داۋالىغىلىی بولىدۇ.
چامغۇر ئۆپکىنی ساغلاملاشتۇرۇپ، نەپەسنى راۋانلاشتۇرۇش، ئۆپکىنی تازىلاپ، بەلغەم بوشىتىش، يۆتەل توختىتىش، یىڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ چۈچۈكىنى ئىلىش. تېرىنى ئاسراش، تېرىگە هۆللۈك يەتكۈزۈش، قەۋزىيەتنى داۋالاپ، ئۈچەي خىزمىتىنى راۋانلاشتۇرۇش، مېڭىگە هۆللۈك يەتكۈزۈپ ئۇيقۇ كەلتۈرۈش، قاتارلىق جەھەتلەردە نۇرغۇن پايدىلىق تەرەپلىرى بولۇپ ، کۈندىلىك تۇرمۇشتا کەم بولسا بولمايدىغان كۆكتاتلارنىڭ بىرىدۇر.
چامغۇرنى ئىستېمال قىلىشتا گۆش بىلەن قوشۇپ شورپا قىلىپ، چۆچۈرە ، شویلا ، سۇيۇقئاش قاتارلىق تاماقلارغا ئاش کۆكى بىلەن قوشۇپ ئىشلىتىلسە ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.
چامغۇر ئۇيغۇر تېبابىتىدە بىرىنچى دەرىجىلىك ئۆپكە دورىسى بولۇپ، تەمى تاتلىق، بەدەنگەه کۈچ – قۇۋۋەت بېغىشلايدۇ. چامغۇردا ۋيتامىن مول بولۇپ، هەر قانداق تاماق بىلەن بىرگە ئىستېمال قىلىشقا باب كېلىدۇ . چامغۇر شورپسی قىلىپ ئیچىشكە قولايلىق.
چامغۇرنى ياپىلاق توغراپ ، ياغلىق گۆش ، سەۋزە بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلسا، ئەرلىك جىنسىي ئەزاغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
چامغۇرنى قوناق ئۇنى ياكى بۇغداي ئۇنى، گۈرۈچ تائاملىرىغا، يەنى سۇيۇقئاش، لەڭمەنگە قوشۇپ يېسمۇ ناهایتی يېيىشلىك بولۇپ ، ئادەمنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى تازىلايدۇ.
چامغۇر بىشدىن چامغۇر کۆكىنىڭ شپالىق رولی چوڭ بولۇپ، ئۇ بۆرەكنى یاشارتىپ، ئادەم بەدینىگە كېرەكلىك بولغان مول ئوزۇقلۇق ماددىلارنی يەتکۈزۈپ بېرىدۇ.
2020-10-27
مەنبە: ئەلشىپا ئۇيغۇرتىبابەت شىپاخانىسى