بالىلارنىڭ چىشىنى تەكشۈرتۈشكە كەلگەن ئاتا-ئانىلار، بالىلارنىڭ قۇرۇت يىگەن چىشىنى داۋالاشقا توغرا كەلگەندە، ھەيران قالغان ھالدا: بالىلارنىڭ سۈت چىشى ئالمىشىدىغان تۇرسا، يەنە نېمىشقا زاماسكا قىلىمىز؟-دەپ سورىشىدۇ.
بالىلارنىڭ سۈت چىشى ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ، تۇراقلىق چىش تېخى ئۆسۈپ چىقمىغان ۋاقىتتا، ئۇ بالىلارنىڭ يېمەكلىكلەرنى چاينىشىدىكى مۇھىم ئەزا بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، سۈت چىشى تۇراقلىق چىشقا ئالمىشىدىغان چاغدا، تۇراقلىق چىش قاتارىنىڭ ئۆلچەملىك شەكىللىنىشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ، سۈت چىشتا چىرىش كۆرۈلسە، بالىلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە پىسخىكىسىغا مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ.
سۈت چىشنى قۇرۇت يېسە چىش جىسمىنىڭ كەمتۈكلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، يېمەكلىكلەر كەپلىشىپ قالىدۇ، ئەگەر چىش يىلىكى ياللۇغىغا تەرەققىي قىلسا قاتتىق ئاغرىپ،بالىلارنىڭ ئوزۇقلىنىشى ۋە ئۇيقۇسىغا ئېغىر توسالغۇ پەيدا قىلىپ، بالىلارنىڭ يېمەكلىكلەردىن يېتەرلىك ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىشىغا ۋە نورمال يېتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.ئەگەر چوڭقۇر قىسمىغا تەرەققىي قىلىپ، يىلتىز ئۇچى توقۇلمىلىرىدا ياللۇغ كۆرۈلسە، چىش مىلىكى يىرىڭلىق ئىششىقى ۋە ئېغىز بوشلۇقى ئېڭەك يۈزى ئىششىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقرىدۇ، ئېغىر بولغانلىرى يۈز-ئېڭەكنىڭ كۆنەكسىمان توقۇلما ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەڭمۇھىم بولغىنى تۇراقلىق چىشنىڭ تۆرەلمىسى دەل سۈت چىش يىلتىزىنىڭ ئاستىغاجايلاشقان بولۇپ، يۇقۇملىنىش ئېغىرلاشقاندا تۇراقلىق چىشنىڭ تۆرەلمىسى تەسىرگە ئۇچراپ، بۇنىڭدىن شەكلى غەيرىي بولۇش ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشى غەيرىي بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ.
سۈت چىشىنى قۇرۇت يىيىشى ئېغىر بولغانلىقتىن چىش بالدۇر چۈشۈپ كەتكەن ۋاقىتتا، ئىككى تەرەپتىكى قوشنا چىش كاۋاك ئورۇنغا سىلجىپ يۆتكىلىپ، كوماك بولۇپ قالغان بوشلۇق تارىيىپ، ئاستىدىكى تۇراقلىق چىشنىڭ ئۆسۈپ چىقىشىغا يېتەرلىك بوشلۇق بولماي، تۇراقلىق چىشنىڭ ئورنى خاتا ئۆسۈش ياكى ئۆسەلمەسلىك ئەھۋاللىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، چىش قاتارىنىڭ غەيرىي تەبئىي يىتىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بالىلىق مەزگىلىدەئېڭەك سۆڭىكى ۋە يۈز قىسمىنىڭ تەرەققىي قىلىشى چايناش ئىقتىدارىنىڭ غىدىقلىشىغا مۇھتاج بولىدۇ، سۈت چىشىنى قۇرۇت يىيىشى بالىنىڭ چايناشىغا تەسىر قىلغان ۋاقىتتا، ئېڭەك سۆڭىكى نورمال فىزىئولوگىيىلىك غىدىقلنىشتىن مەھرۇم قېلىپ، ئۆسۈپ يېتىلىشى يېتەرلىك بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى تۇراقلىق چىشنىڭ قاتارى رەتلىك بولمايدۇ. بىر تەرەپتىكى چىشنى قۇرۇت يېگەن ۋاقىتتا، بالىلار بىر تەرەپتىلا نەرسە چايناشقا ئادەتلىنىپ قالىدۇ ،ئۇزاق ۋاقىت بىرلا تەرەپتە چاينىغاندا، يۈز قىسمىنىڭ سېممېتېرىك بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بالىلىق مەزگىلدىكىچىشنى قۇرۇت يېيىش يەنە ئاستا خاراكتىرلىك كېسەللىك ئوچىقىدىن يۇقۇملىنىشىنى پەيداقىلىپ، بەدەن تىمپىراتۇرىسى تۆۋەن بولۇش، رىماتىزىملىق بوغۇم ياللۇغى، بۆرەك ياللۇغى قاتارلىقلارنىڭ پەيدا بولۇشى بىلەنمۇ مەلۇم دەرىجىدە باغلىنىشلىقى بولىدۇ، ئۇدۇل چىشلارنى قۇرۇت يېسە، بالىلارنىڭ تاۋۇش چىقىرىشىغا ۋەپىسخىك ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
دېمەك، سۈتچىش بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىپ تەرەققىي قىلىشىدا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ،ئائىلە باشلىقلىرى بۇنىڭغا يېتەرلىك ئەھمىيەت بېرىپ، ئالدىنى ئېلىپ، بالدۇربايقاپ، بالدۇر داۋالىتىش كېرەك!
2020-09-29
مەنبە: ئالماس ئېغىز بوشلۇقى