ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﭘﯘﺭﺍﺵ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯘﭼﺮﯨﺘﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﻤﯩﺰ. ﺋﯧﻐﯩﺰ ﭘﯘﺭﺍﺵ ﺋﯚﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ, ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﻰ ﯞﻩ ﺋﯩﺸﺘﯩﮭﺎﺳﯩﻐﯩﻤﯘ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ, ﺋﻪﯓ ﻣﯘﮪﯩﻢ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ سالامەتلىكىگىمۇ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯨﺪﯗ. ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﭘﯘﺭﺍﺷﻨﻰ ﻧﯧﻤﯩﻠﻪﺭ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ؟
ﺋﯧﻐﯩﺰ ﭘﯘﺭﺍﺷﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﻪﺭ ﺑﻪﻙ ﻛﯚﭖ: ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﻰ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﻠﯩﻨﯩﺶ, ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﻰ ﺗﺎﺯﯨﻠﯩﻘﻰ, ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﭼﯧﻜﯩﺶ, ﮪﺎﺭﺍﻕ ﺋﯩﭽﯩﺶ, ﺗﯜﻧﻪﺵ, ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﻠﯩﻖ ﺋﯚﺭﻟﻪﺵ, ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ-ﺋﯜﭼﻪﻳﻨﯩﯔ ﺋﯩﻤﻤﯘﻧﯩﺘﯧﺖ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ ﺑﯘﺯﯗﻟﯘﺵ, ﺟﯩﮕﻪﺭ ﯞﻩ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﺳﻪﭘﺮﺍﺳﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺋﯧﻐﯩﺰﻧﯩﯔ ﭘﯘﺭﺍﺵ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﺪﯗﺭ. ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﭘﯘﺭﺍﺷﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ? ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﻰ ﺗﺎﺯﯨﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ, ﺳﯘﻧﻰ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﺋﯩﭽﯩﺶ, ﺗﺎﻣﺎﻗﻨﯩﯔ ﺗﻪﻣﻰ ﺳﯘﺳﺮﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﺵ, ﻏﯩﺪﯨﻘﻠﯩﻐﯘﭼﻰ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﯧﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﻛﯧﺮﻩﻙ.
ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﺴﺎ، ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻥ ﯞﻩ ﺋﺎﺧﺸﯩﻤﻰ ﭼﯩﺶ ﭼﻮﺗﻜﯩﻼﺷﺘﻪﻙ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﺎﺩﻩﺗﻨﻰ ﻳﯧﺘﯩﻠﺪﯛﺭﯛﺵ, ﮪﺎﺭﺍﻕ, ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﺗﺎﺷﻼﺵ.
ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺋﺎﺩﯨﺘﯩﻨﻰ ﻳﯧﺘﯩﻠﺪﯛﺭﯛﺵ, ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﯞﻩ ﺩﻩﻡ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﺍﻗﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ, ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﻨﻰ ﺗﻪﯕﺸﻪﺵ, ﺩﺍﻻ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺶ.
ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ, ﮪﻪﻣﻤﻪﻳﻠﻪﻧﮕﻪ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻖ ﻳﺎﺭ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ.