2.1K
ئەنجۇر پىشىدىغانغا ئاز قالدى، ئۇنداقتا سىز ئەنجۇرنىڭ يەنە قانداق پايدىلىق تەرەپلىرى بارلىقىنى بىلەمسىز؟
ئەنجۇر پىشىقىدا ئەڭ ئاز بىر قېتىم تويۇنغىچە ئەنجۇر يەڭ، بۇ بىردىنبىر كۆپ يىۋالسىمۇ زىيان قىلمايدىغان مىۋىدۇر. قېنى يەنە قانداق ئالاھىدىلىكى بار قاراپ باقايلى.
- ﻛﯧﻜﯩﺮﺩﻩﻙ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﻳﺪﯗ . ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﺎﻝ ﺋﻪﻧﺠﯜﺭﻧﻰ ﺳﯘﻏﺎ ﭼﯩﻼﭖ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻣﻪﺯﮔﯩﻞ ﺋﯩﭽﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﺪﻩ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺋﯜﻧﯜﻡ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ
- ﺭﺍﻙ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﺘﯩﺪﯗ . ﺋﻪﻧﺠﯜﺭ ﺷﻪﺭﺑﯩﺘﻰ ﮔﯚﺵ ﺋﯚﺳﻤﯩﺴﻰ ، ﺳﯜﺕ ﺑﯧﺰﻯ ﺋﯚﺳﻤﯩﺴﻰ ، ﺋﺎﻕ ﻗﺎﻥ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ، ﻟﯩﻤﻔﺎ ﮔﯚﺵ ﺋﯚﺳﻤﯩﺴﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻏﺎ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﻛﻠﯩﻨﯩﻜﯩﺪﺍ ﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﯚﺳﻤﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺷﻘﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ . ﺗﯩﻞ ﺭﺍﻛﻰ ، ﺋﯚﭘﻜﻪ ﺭﺍﻛﻰ ، ﮔﯜﺭﻩﻥ ﺑﻪﺯ ﺭﺍﻛﻰ ، ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﺭﺍﻛﻰ ، ﺟﯩﮕﻪﺭ ﺭﺍﻛﻰ ، ﺑﻮﻏﻤﺎﻕ ﺋﯜﭼﻪﻱ ﺭﺍﻛﻰ ، ﺑﯚﺭﻩﻙ ﺭﺍﻛﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺷﻘﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ .
ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﺵ ﺭﯦﺘﺴﯩﭙﻰ : ﻳﯧﯖﻰ ﺋﻪﻧﺠﯜﺭﺩﯨﻦ 50 ﮔﺮﺍﻡ ، ﻗﺎﺭﺍ ﮔﯚﺷﺘﯩﻦ 100 ﮔﺮﺍﻡ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺳﯘﺩﺍ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺳﺎﺋﻪﺕ ﺩﯛﻣﻠﯩﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﮔﯚﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﻳﻪﭖ ﺑﻪﺭﺳﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺋﯘﺩﺍ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺯﮔﯩﻞ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ، 30 ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﺯ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﻛﯧﺮﻩﻙ . - ﻗﺎﻥ ﻗﻪﻧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺭﻟﻪﭖ ﻛﯧﺘﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ . ﺋﻪﻧﺠﯜﺭﻧﯩﯔ ﺳﯜﻳﯩﻨﻰ ﺋﯩﭽﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﺪﻩ ﻗﺎﻥ ﻗﻪﻧﺘﯩﻨﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﺘﯩﺶ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪﯗ .
ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﺵ ﺭﯦﺘﺴﯩﭙﻰ : ﺋﻪﻧﺠﯜﺭﺩﯨﻦ 15 ﮔﺮﺍﻡ ، ﻧﯩﯖﺸﻴﺎﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﻘﯩﺘﯩﺪﯨﻦ 10 ﮔﺮﺍﻡ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺳﯘﺩﺍ ﭘﯩﺸﯘﺭﯨﻤﯩﺰ . ﭼﺎﻱ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﺍ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﺪﯨﻦ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﺑﻪﺭﺳﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ، ﺋﻪﻧﺠﯜﺭﺩﯨﻦ 50 ﮔﺮﺍﻡ ، ﺋﺎﭼﭽﯩﻖ ﻛﺎﯞﯨﺪﯨﻦ 100 ﮔﺮﺍﻡ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺗﻮﻏﺮﺍﭖ ﺳﯘﺩﺍ ﭘﯩﺸﯘﺭﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺗﻪﻣﻨﻰ ﺗﻪﯕﺸﻪﭖ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺋﯘﺩﺍ 7 ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ 10 ﻛﯜﻧﮕﯩﭽﻪ ﺋﯩﭽﯩﭗ ﺑﻪﺭﺳﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . - ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﻨﻰ ﺋﺎﺯﺍﻳﺘﯩﺪﯗ . ﺋﻪﻧﺠﯜﺭ ﻓﯧﺮﻣﯧﻨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﺳﯘﻳﯘﻗﻠﯩﻘﻰ ﺋﺎﺭﯨﻼﺷﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﮬﻪﺯﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ . ﺋﯩﺸﺘﯩﮭﺎﺳﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻪﻣﻪﺳﻠﻪﺭ ﮬﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯜﭺ ﻗﯧﺘﯩﻢ ، ﮬﻪﺭ ﻗﯧﺘﯩﻤﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻟﺪﯨﻦ ﺋﻪﻧﺠﯜﺭ ﻳﻪﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﺪﻩ ﺋﺎﺩﻩﺕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﻗﻪﯞﺯﯨﻴﻪﺕ ، ﺑﻮﯞﺍﺳﯩﺮ ، ﺳﻮﺯﯗﻟﻤﺎ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﮔﻪ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .
- ﺋﯜﭼﻪﻱ ﯞﻩ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻧﻨﻰ ﺭﺍﯞﺍﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯨﺪﯗ . ﺋﻪﻧﺠﯜﺭ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﻩ ﺋﺎﻟﻤﺎ ﻛﯩﺴﻼﺗﺎﺳﻰ ، ﻟﯩﻤﻮﻥ ﻛﯩﺴﻼﺗﺎﺳﻰ ، ﻣﺎﻱ ﺋﯧﻨﺰﯨﻤﻰ ، ﺋﺎﻗﺴﯩﻞ ﺋﯧﻨﺰﯨﻤﻰ ، ﭘﺎﺭﭼﯩﻠﯩﻐﯘﭼﻰ ﺋﯧﻨﺰﯨﻢ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﮬﻪﺯﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﭗ ، ﺋﯩﺸﺘﯩﮭﺎﻧﻰ ﺋﺎﭼﯩﺪﯗ . ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﻩ ﻛﯚﭖ ﺧﯩﻞ ﻣﺎﻱ ﺗﯜﺭﯨﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ، ﺋﯜﭼﻪﻳﻨﻰ ﻧﻪﻣﺪﻩﺵ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪﯗ .
- ﻗﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻱ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﯨﻨﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﺘﯩﺪﯗ . ﺋﻪﻧﺠﯜﺭ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﻩ ﻣﺎﻱ ﺋﯧﻨﺰﯨﻤﻰ ، ﺋﯧﺮﯨﺘﻜﯜﭼﻰ ﺋﯧﻨﺰﯨﻢ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﻗﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻳﻨﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﺘﯩﺶ ، ﻣﺎﻳﻨﻰ ﭘﺎﺭﭼﯩﻼﺵ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ ﺑﺎﺭ . ﻗﺎﻥ ﺗﻮﻣﯘﺭﺩﺍ ﭼﯚﻛﻤﯩﻠﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻣﺎﻳﻨﻰ ﺋﺎﺯﺍﻳﺘﯩﭗ ، ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﻨﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﺘﯩﺶ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻨﺎﭖ ، ﺗﺎﺟﺴﯩﻤﺎﻥ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ .
مەنبە: بىلىمدان